ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2023-03-31
ياۋروپا پارلامېنتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زامانىۋى قۇللۇققا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى چەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە بىر مودا كۆرگەزمىسى ھەمدە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
2023-03-31
خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن باشقا يەنە، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكىلەرمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانىدى.
2023-03-31
نورۇز بايرىمى ھارپىسىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانغان «باھار كېلىدۇ: شەرقىي تۈركىستاندىن ئەسەرلەر» ناملىق خاتىرە توپلىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.
2023-03-31
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇي 30-مارت ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ 3-بېكىتى بولغان قىرغىزىستانغا يېتىپ كېلىپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروف بىلەن كۆرۈشكەن.
2023-03-31
ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر ئورتاق خىتاپنامە ئىمزالىغان.
2023-03-31
گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» (Axel Springer) قۇرۇلدى، رۇشەن ئابباس خانىم مەزكۇر فوندى جەمئىيەت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تاللاندى.
2023-03-31
ئەنگلىيەدىكى «ۋېرىسك مەپىلكروفت» ناملىق بىخەتەرلىكنى باھالاش تەشكىلاتى يېقىندا بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2023-03-31
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
2023-03-31
خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنى چەكلەش توغرىسىدىكى چۇقانلار ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدا 200 مىڭ كىشىگە «كەسپىي بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماھارىتى تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە رايوننىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرگەن».
2023-03-31
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت خىتاينىڭ شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۆلكە، بىر شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن تېمىدا خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلىپ قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
2023-03-31
بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەن 1990-يىلىدىن بۇيان، چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇ تارىخىي ۋەقەنى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
2023-03-30
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەڭ دەسلەپ رەسمىي ھالدا قارار ئالغاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم پارلامېنتلارمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى ھەمدە بۇ ھەقتە قارار ئالدى.
2023-03-30
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىدا، 156 دۆلەتنىڭ 2022-يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنغان.
2023-03-30
ئەنگلىيەدىكى ئىككى ئاساسلىق پارتىيەنىڭ بىرى بولغان ئەمگەك پارتىيەسى ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە، ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى خەلقئارا سوت ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاشنىڭ قانۇنىي يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2023-03-30
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ھۆكۈمەت كابىنتى 29-مارت كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا دىيالوگ شېرىكى سالاھىيىتى بىلەن كىرىشىنى ماقۇللايدىغان بىر قارارنامىنى رەسمىي تەستىقلىغان. مەزكۇر خەۋەرنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA تارقاتقان ئىكەن.