قازاقىستاندا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 24 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

بۇ يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قاتارىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ 1997-يىلى 5-فېۋرالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەنىڭ 24 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى ئالدىن-ئالا پىلانلىغانلىقى مەلۇم. كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ دۇنياغا تارقىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بىخەتەرلىك چارىلىرى سەۋەبىدىن بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى جاي-جايلاردا ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇش شەكلى بىلەن ۋە بارلىق بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قەتئىي ساقلىغان ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 5-فېۋرال، ئالمۇتا.

بىز ئەنە شۇ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى مەھەللە ۋە يېزىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى زىيارەت قىلدۇق.

ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ چېلەك يېزىسىدا ئۆتكەن خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن قازاقىستاندا بۈگۈنكى ۋەزىيەتكە لايىق ياشلىرىمىزنى ئويغىتىش، ياشلىرىمىزنى ۋەتەن كېلەچىكى بىلەن تونۇشتۇرۇشقا چاقىردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز بىر نەچچە دۇئا-تەگبىرلەرنى ئۆتكۈزدۇق. پۈتكۈل دۇنيا ياشلىرىنىڭ كېلەچەك غېمىنى يەپ، ۋەتەن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى سورايمىز. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا بارلىق ئۇيغۇرلار ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىدىن سەرگەردان بولۇشىمىز بىزنى قاتتىق ئېچىندۇرۇۋاتىدۇ.»

سەدىردىن ئايۇپوف يەنە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارلىق ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىپ قەتئىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، گۈلباھار جېلىلوۋا، زۇمرەت تۇرسۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار خاتىۋاجى، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشلىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە گۈلباھار خاتىۋاجى، تۇرسۇنئاي زىياۋىدىننىڭ لاگېردا قىسمەتلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى قازاقىستان ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسى چونجا يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنىڭ كۈن ساناپ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا سەۋەب لاگېرلاردا قىينىلىۋاتقان قىزلىرىمىز، بالىلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، لاگېر ئىچىدە بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ناھايىتى ئىپلاس قىلىقلىرىنى خەلققە تاراتقان قىزىمىزنىڭ ئەنە شۇ سۆزلىرى بىزنىڭ يۈرەكلەرنى زىلزىلىگە سالدى. مانا، غۇلجا ۋەقەسىگە 24 يىل بوپتۇ. 24 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتىدىن نى-نى ئوغلانلىرىمىز ئۇ دۇنيالىق بولدى. نۇرغۇن-نۇرغۇن ئوغۇللىرىمىز، ناھايىتى ئەقىللىق، دانىشمەن بالىلىرىمىز ۋەتەندىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. نە چارە؟ ئەمما 2017-يىلدىن بۇيان نۇرغۇن يېڭىلىق، ئالغا ئىنتىلىشلار بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ داۋايىمىز ھازىر دۇنياغا تارقالدى. مېنىڭ يەتتە ئاتام مۇشۇ قازاقىستاندا تۇغۇلغان. ئەمما ئانا ۋەتىنىمنىڭ ئازاد بولۇشىنى خالاپ، ئۆز ئۆمرۈمنى ۋەتەن دەۋاسىغا تىككىنىمگە 40 يىل بوپتۇ.»

سەيدالىم ئامۇتوف بۈگۈنكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە قازاقىستاندا ئاڭلىق ۋە مىللەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ۋەتەنداشلىرىنى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندا ھەر يىلى ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى چوڭ كۆلەمدىكى يىغىلىش ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەك ئىدى. ئۆتكەن يىلى مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، 200 دىن ئوشۇق ئادەمنىڭ، شۇنداقلا تاتار، باشقۇرت ئەزەربەيجان قاتارلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكەن بولسا، مانا بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تامامەن باشقىچە شەكىلدە ئۆتتى.