6-ئاپرېلدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «قورغان» رېستورانىدا 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى ۋە 1990-يىلى 5-ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەنىڭ 29 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ھەمدە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخسلەر، ياشلار قاتناشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەخمەتوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكەن بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. ئاندىن قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئادىلەم مەسۈمجان «مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ ھەم ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جەھەتتە مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، دېموكراتىيە ئىدىيەلىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى قولداش شەمشىدىنوف «بارىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە 29 يىل» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى. ئۇ بارىن ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىدە مىللىي ئويغىنىش ئەقىدىسىنىڭ كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قولداش شەمشىدىنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بارىن ۋەقەسىنىڭ بىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى چوڭ دەپ ھېسابلايمەن. ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپىنچە ياشلار نەق مەيداندا بولمىسىمۇ، چەتئەللەردە لاگېرلارنى تاقىتىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىۋاتىدۇ. قازاقىستاندىكى ياشلارنىڭ 100 پىرسەنتىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئۇيقۇدا دېسە بولىدۇ. بىراق مۇشۇنداق يىغىنلاردا، مۇراسىملاردا بۇ مەسىلىلەر كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق مۇراسىملارنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك دەپ ھېسابلايمەن.»
مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئىككى مەسىلىگە، يەنى، بىرىنچى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىككىنچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتىكى پائالىيىتى توغرىلىق دوكلات قىلدى. قەھرىمان غوجامبەردى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ھەر خىل ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ، جازا لاگېرلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، لاگېرلار مەسىلىسى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ئەتراپىدا ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مۇھەممەت ھاجىم بۇ پائالىيەتتە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن تاشقىرى يەنە ئۆزلىرىنىڭ مەزمۇنلۇق دوكلاتلىرى بىلەن كۆپچىلىكنى خۇشال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇھەممەت ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇراسىمدا سۆز چىققانلار ئاساسەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن ئېغىر بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى، مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىش كېرەك دېگەن سوئال ئەتراپىدا مۇزاكىرە قىلغان ئىكەن.
0:00 / 0:00