ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر قانۇنلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.15
guwahliq-yighin
Photo: RFA

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 15-فېۋرال ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر قانۇنلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە بولغان خىتاي ئاكتيورلىرىنى جازالاش ھەمدە ئۇلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» چاقىرغان «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە ئامېرىكانىڭ ئىنكاسى» ماۋزۇلۇق گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر گۇۋاھلىق بەردى.

ئەلفىدار خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلار يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشتا ئۆزىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، پاراكەندىلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە تۇتۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىلىكىنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىسىدا «مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماقتا» ئىكەن.

دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىم مەكگاۋرېن (Jim McGovern) رىياسەتچىلىك قىلدى. 2024-يىلى 15-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىم مەكگاۋرېن (Jim McGovern) رىياسەتچىلىك قىلدى. 2024-يىلى 15-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
YouTube/TomLantosHumanRights

گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئەلفىدار خانىم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويىدىغان تەۋسىيەلىرىمنىڭ بىرى شۇكى، بىز قولىمىزدىكى ھازىر بار بولغان ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. سىز ئاۋام پالاتاسىدا ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى لايىھەسى› نى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بىز ئامېرىكالىقلار ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى›نى ماقۇللىدۇق، بىز يەنە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىمۇ ماقۇللىدۇق. بىز بۇ ئىككى قانۇن ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ۋەھشىيلىككە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشىمىز كېرەك. يەنە نۇرغۇن قەدەملەر بار. بىز بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىدۇق، لېكىن بۇ ‹ماگنىتىسكىي قانۇنى› ئارقىلىق بولدى. شۇڭا، بىزنىڭ قولىمىزدا قانۇن تۇرۇپمۇ يەنە نېمىنى ساقلايمىز؟»

ئەلفىدار خانىم يىغىندا يەنە ئاقساراينىڭ خىتاي «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاقساراينىڭ قارارى ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئەلفىدار ئىلتەبىر يىغىندا مۇنداق دېگەن: «بىز (جازالاشتا) ئالدىغا مېڭىش ئورنىغا، ئارقىغا چېكىندۇق. بىز ئاقساراينىڭ ‹ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇت› نى ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەك ئۈمىدسىزلەندۇق. بۇ ئورۇن خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق بولغان بىر گېن تەتقىقات ئورنى. بەلكىم ئۇلار كەلگۈسىدە ئامېرىكا تېخنىكىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكاغا قارشى گېن قورالىنىمۇ ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن. بىز قۇرۇق بىر ۋەدە ئۈچۈن قولىمىزدىكى كوزېردىن ۋاز كەچتۇق. بىز چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەھشىيلىكىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى بەدەل تۆلىتىشتە قەتئىي بولۇشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىس (Chris Smith) سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 15-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىس (Chris Smith) سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 15-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
YouTube/TomLantosHumanRights

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇرۇن خىتاينىڭ «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. لېكىن پرېزىدېنت بايدېن ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سان-فرانسىسكودا ئۇچراشقاندا، شى جىنپىڭنىڭ سۈنئىي مەست قىلىش دورىسى-فېنتانىنغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بىلەن جېيمىس مىكگوۋېرننىڭ 2023-يىلى 5-ئايدا سۇنغان 3654-نومۇرلۇق «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە پىكىر ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا پالاتا ئەزاسى، يىغىن رىياسەتچىسى جېيمىس مەكگۋېرن (James McGovern) ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارىتا ئىچكىي-تاشقىي جەھەتتە بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەۋجۇت قانۇنلارنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. جېيمىس مىكگوۋېرن مۇنداق دېگەن: «بىز يەنە ھازىرقى مەۋجۇت قانۇنىي ۋاسىتىلەرنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. ئىچكى جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا بولغان ئورتاق ئېنىقلىمىسى بىردەك ئەمەس. ئامېرىكا قانۇنلىرىدىكى بوشلۇق جازالاشقا توسقۇنلۇق قىلماقتا. خەلقئارادا ئامېرىكانىڭ ئەتراپلىق بىر ئىستىراتېگىيەسىنىڭ بولماسلىقى بىزنىڭ ئىنكاسىمىزنىڭ تەسىرى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىمىزغا كاشىلا قىلىشى مۇمكىن.» مەكگوۋېرن ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قانۇن لايىھەسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2024-يىلى 15-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2024-يىلى 15-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
YouTube/TomLantosHumanRights

جېيمىس مەكگوۋېرن مۇنداق دېگەن: «بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىشنى ساقلاپ تۇرماقتا. مەن كرىستوفېر سىمىت بىلەن ‹چېگرا ھالقىغان باستۇرۇس سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى ئىستىراتېگيە تۈزۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.»

مەكگوۋېرننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ يەنە پالاتا ئەزاسى ئادام شېفنىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى›نى قوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا قانۇنلىرىدىكى بوشلۇقنى ھەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

يىغىنىدا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى نىكول بىبىنس سېداكا (Nicole Bibbins Sedaca) گۇۋاھلىق بېرىپ، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشتا تېخنىلوگىيەنىڭ پەۋقۇلئاددە رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. نىكول بىبىنس سېداكا مۇنداق دېگەن: «تېخنولوگىيە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تارقىلىشى ۋە كېڭىشىدە پەۋقۇلئاددە رول ئوينىماقتا. دىگىتال سۇپىلار ۋە تور مۇلازىمىتى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلەرنى چېگرادىن ھالقىپ نازارەت قىلىش، ئىز قوغلاپ پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ياكى شەخسىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى كىشىلەرنى نىشانغا ئېلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلماقتا.»

نىكول بىبىنس سېداكانىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇ، بۇ 10 دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ 30 پىرسەنتىنى خىتاي ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىكول بىبىنس سېداكا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىمىزدىن قارىغاندا، دۇنيادا چېگرا ھالىقىغان باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالدىنقى 10 دۆلەت خىتاي، تۈركىيە، تاجىكىستان، مىسىر، رۇسىيە، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، ئىران، بېلارۇسىيە ۋە رىۋاندا. پۈتۈن دېلونىڭ 80 پىرسەنتىنى بۇ 10 دۆلەت ئىگىلەيدۇ. خىتاي چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشتا ئەڭ مۇكەممەل ھەم ئەتراپلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دېلولارنىڭ 30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.»

يىغىندا ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاراكەندىلىك ھەرىكىتى كۈچەيگەن. ئۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا پىسىخولوگىيەلىك بېسىم سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلفىدار مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ يېڭى تەشۋىقات ھۇجۇمىنى ئېتىراپ قىلىش بىزنىڭ ھازىر تۇرۇۋاتقان ۋەزىيىتىمىزنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئورنىغا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەتنى ئالماشتۇردى. ئۇ لاگېردىكىلەرنى تۈرمىلەرگە يۆتكەش ئارقىلىق، بىزنىڭ ۋەتەننى دۇنياغا ‹نورمال› قىلىپ كۆرسەتمەكتە. كونكرېت ئېيتقاندا، خىتاي چېگرا ھالقىغان پاراكەندىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ كۈچەيتتى. خىتاي ئىزچىل ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلدى. ئۇلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن قورقۇتۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەنقىدلىشىنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك پىسىخولوگىيەلىك ئىزتىراپ سالماقتا.»

يىغىندا يەنە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشتا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولنى قوللىنىۋاتقانلىقى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئوتتۇرا شەرق دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى تېس مىكئېنېرى (Tess McEnery) نىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئىنتېرپولدىن پايدىلىنىشتا ئۇنىڭغا ئەزا ئىستىبدات دۆلەتلەرنى قوللانماقتا ئىكەن. تېس مىكئېنېرى، ئوتتۇرا-شەرق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشقانلىقى، ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھەمكارلىقنىڭ بىر يەر شارى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

تېس مىكئېنېرى مۇنداق دېگەن: «ئوتتۇرا شەرق ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەردى. سەئۇدى ئەرەبىستەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەم قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشتى.»

تېس مىكئېنېرىنىڭ تەكىتلىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. تېس مىكئېنېرى مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى نۇقتىنى يەنە قايتا تەكىتلىمەكچى، بۇ بىر دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەم يەر شارى بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدۇر. بۇ بىر ئىستىبداتنىڭ يەنە بىر ئىستىبدات بىلەن ھەمكارلىشىشىدۇر. شۇڭا بىز دېموكراتىك دۆلەتلەر بىر-بىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۆزلىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى «تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ قوش رەئىسى جېيمىس مەكگوۋېرن بىلەن كرىستوفېر سىمىتنىڭ ساھىپخانلىقى ۋە رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ دائىرىسى، كۆلىمى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىنكاسىنى كۈچەيتىشكە دائىر تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.