ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 20-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك ئامېرىكىغا قارشى تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تەتۈر تەشۋىقات دۇنيا مىقياسىدىكى بەزى شەخسلەردىنلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى، رۇسىيە ۋە ئىران ھۆكۈمەتلىرىدىنمۇ كېلىۋاتىدۇ. بىز دېموكراتىيەمىز، ئەركىنلىكىمىز ۋە›ۋۇخەن ۋىرۇسى‹غا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىمىزنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك.»
ئۇ يەنە ئامېرىكا خەلقنىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ مەزكۇر تىرىشچانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇ ئەسنادا يەنە، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرى ئارىسىدا خىتاينى ئەيىبلەش پىكىرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ تۇردى.
پرېزىدېنت ترامپ 21-مارت كەچقۇرۇن يوللىغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، تاجسىمان كورونا ۋىرۇسىنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى توم كوتتون 22-مارت ئەتىگەن يوللىغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، خىتاي كومپارتىيەسىدىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىما قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغانلىرى ۋە چىرىكلىكى بىر يەرلىك سەھىيە مەسىلىسىنى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلاندۇردى. بۇ دۆلىتىمىزدىمۇ ھايات ۋە ئارزۇ-ئارمانلارنى ۋەيران قىلماقتا. بۇنىڭ ھېسابى ئېلىنىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ۋە ۋىرۇس مەنبەسىنى ئامېرىكاغا دۆڭگەيدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن ئىدى.