ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاجرىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، ئەمدى گەپنىڭ مەزكۇر مۇناسىۋەتنىڭ يەنە قانچىلىك يامانلىشىشىدا قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
يەكشەنبە كۈنى «سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاجرىلىش ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ۋە تېخنىكىلىق بۆلۈنۈشنى «ئاجرىلىش» ياكى «ئاجرىشىش» دېگەن سۆز بىلەن سۈرەتلىگەن.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاجرىلىش ‹ئەگەر› ياكى ‹قاچان› مەسىلىسى ئەمەس. ئۇ دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ.»
ئوبزوردا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى قوغلاشقان بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە ئىشەنچ يوقىلىپ، ھەمكارلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ھالغا كېلىپ قالغان.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: «ھازىر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قايتا تەڭشەشكە كىرىشتى. بۇ پۈتۈنلەي ئاجرىلىش ئەمەس، بەلكى يېڭى چەك-چېگرا شەكىللەندۈرگەن قولايسىز يىراقلىشىش جەريانىدۇر.»
ئوبزوردا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە شەكىللەنگەن يېڭى چەك-چېگرا دۇنيا ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈنمۇ يېڭى چېگرادىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئالدىنقى كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى «خىتاي كۈدىلىك گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى بەزى زىيانلارنىڭ تۈزەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتقان.