ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 58-قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.03.07
bdt-uyghur-mesilisi-Raphael-Viana-David.jpg 58-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت ئورگىنى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خادىمى رافائېل ۋىيانا داۋېد (Raphael Viana David) ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2025-يىلى 6-مارت، جەنۋە.
Photo: RFA

6-مارت كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 58-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بالدۇرراق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىندى.

بۇ يىغىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت ئورگىنى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خادىمى رافائېل ۋىيانا داۋېد (Raphael Viana David) سۆز قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بالدۇر ھەرىكەتكە ئۆتكەندە ۋەھشىيلىك جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە كېچىككەندە، يەنى بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىز قېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ جىنايەتنى داۋام قىلىشىغا جاسارەت بېرىدۇ، دەپ قارايمەن. 2022-يىلى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئابىدە خاراكتېرلىك دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىددىي ھەرىكەت قارارىنى چىقارغان ۋە بۇ دوكلاتنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان ئىدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى خەلقلەرگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تېخى بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ئەڭ يېڭى ئىسپاتلار، ب د ت ئورگانلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق خاتىرىلەنمەكتە».

58-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە «يەر شارى قوغداش مەسئۇلىيەت مەركىزى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ساۋىتا پاۋنداي (Sawita Pawnday) خانىم سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 6-مارت، جەنۋە. (سۈرەت يىغىننىڭ سىن كۆرۈنۈشىدىن ئېلىنغان.)
58-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە «يەر شارى قوغداش مەسئۇلىيەت مەركىزى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ساۋىتا پاۋنداي (Sawita Pawnday) خانىم سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 6-مارت، جەنۋە. (سۈرەت يىغىننىڭ سىن كۆرۈنۈشىدىن ئېلىنغان.)
RFA/Hebibulla Izchi

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن زۇنۇن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ كېڭەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە جەنۋەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە رافائېل داۋىدنىڭ بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىندا «يەر شارى قوغداش مەسئۇلىيەت مەركىزى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ساۋىتا پاۋنداي (Savita Pawnday) خانىممۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى تېما بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى يوق قىلىپ، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە بولماقتا. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مەسىلىسىدە بىزنىڭ قارىشىمىز شۇكى، چوڭ قىرغىنچىلىقنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان رامكىلاردىن ھالقىپ، 21-ئەسىردىكى غەززەدىكىلەر، روھىنگالار، يەزىدىلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانداق تەشكىللىك سادىر قىلىنغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشتۇر. بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ كۆپىنچىسىدە، جىنايەتچىلەر ھەمىشە كەڭ كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىنى يولغا قويغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار مەلۇم بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ كىملىكىنى ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان. رايون ھالقىغان بەزى دۆلەتلەر غەربنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقلارغا قارشى پوزىتسىيەسىگە بىر تەرەپلىمە قاراپ، روھىنگا، دارفور ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئەرەب بولمىغانلار ئېتنىك توپلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا قانۇنىي تەرەپ تۇتۇپ ئىشلىتىش، قوش ئۆلچەم قوللىنىش بۇ قانۇننىڭ ئوبرازىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. يەر شارى قوغداش مەسئۇلىيەت مەركىزىنىڭ دۇنيانى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئېتنىك تازىلاش، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن خىيانەت›لەردىن قوغداش قارارى، بىر قۇرۇق سۆز ئەمەس، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ پىرىنسىپىدۇر. بۈگۈن بۇ يەردە بىز سۆز ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. ئىنسانلارنى ۋەھشىيلىكتىن قوغداش ئاسان يولنى ئەمەس، بەلكى جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ!»

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن زۇنۇن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە  قۇرۇلتاي ئۇچۇر-ئاخبارات مەركىزى دىرېكتورى ئىپتىخار ئابدۇرېشىتلار ب د ت دا. 2024-يىلى ئىيۇل، جەنۋە.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن زۇنۇن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە قۇرۇلتاي ئۇچۇر-ئاخبارات مەركىزى دىرېكتورى ئىپتىخار ئابدۇرېشىتلار ب د ت دا. 2024-يىلى ئىيۇل، جەنۋە.
RFA/Hebibulla Izchi

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، ساۋىتا پانداي خانىمنىڭ بۇ سۆزى ھەققىدە توختىتىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرى ئاتالمىش «ئىككى ئايرىلالماسلىق» سەپسەتىسىنى بازارغا سالغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت ئورگىنىدىن رافائېل داۋىد يەنە، ئالدىنقى ھەپتە تايلاندتىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 40 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات، ب د ت شەرتنامە ئورگىنىنىڭ بىرلەشمە ئىشخانىسىغا يوللاندى. بۇ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ ھازىرغىچە ب د ت بىرلەشمە ئىشخانىسىغا يوللىغان تۇنجى دوكلاتى، شۇنداقلا ماھىيەتلىك بىر ئۈلگە! ئاشكارا ھەم بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنىڭ بولماسلىقى، ب د ت نىڭ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.