مايكېل سوبولىك: «خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك!»

0:00 / 0:00

2024-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى «ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى» (AFPC) ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى بۆلۈمىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبولىك (Michael Sobolik) نىڭ «خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت ئويۇنىغا تاقابىل تۇرۇش: ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىك ئىستراتېگىيەسى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. ئاپتور بۇ كىتابتا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا باشلانغان يېڭى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دا ئامېرىكانىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ كوممۇنىستىك خىتايغا قاتتىق سىياسەت ۋە كۈچلۈك تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئاندىن ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى ئەسىردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولسا، خىتايغىمۇ شۇنداق تاقابىل تۇرىدىغان ۋە خىتاينى چەكلەيدىغان بىر ئىستراتېگىيەگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى ۋەيران قىلىشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن، كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك چەكلىمە-توساقلىرىنى ئاجىزلىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ داڭلىق مۇخبىرى جوش روگېن(Josh Rogin) بۇ كىتاب ھەققىدە يازغان باھاسىدا مۇنداق دېگەن: «مايكېل سوبولىكنىڭ بۇ يېڭى كىتابى خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشنىڭ ئېنىق ۋە ئەتراپلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنىڭ ھېچكىم خالىمايدىغان قوراللىق ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرگەن. ئۇ بۇ كىتابىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخىنى، خاراكتېرىنى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق غەرب سىياسەتچىلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبلىرىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇ كىتاب خىتاينىڭ نېمىشقا دۇنيا تەرتىپىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك بىر كىتابتۇر».

تەتقىقاتچى مايكېل سوبولىك بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىدا بەش يىل خىزمەت قىلدىم. بۇ جەرياندا دۆلەت مەجلىسى چىقارغان نۇرغۇن قانۇنلارنىڭ خىتاي ئامېرىكاغا قارشى پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. خىتاينىڭ ئامېرىكادا پەيدا قىلغان يامان تەسىرى كەڭ تەسىر قوزغىدى. مەن يەنە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قانداق شېرىك بولغانلىقىغا دىققەت قىلدىم، ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىقىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنالمىدى. مەنچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا رەھبەرلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۈگۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھازىر بۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان رەھبەرلەر بار، ئەمما ناھايىتى ئاز. بايدىن ھۆكۈمىتى خىتايغا بوشاڭلىق قىلدى، سۆھبەت ئۈستىلىدە خىتايغا جىق يول قويدى. مەن بۇ كىتابنى يېزىش ئارقىلىق شۇ نۇقتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى: ئامېرىكا كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشى كېرەك. مەن بۇ كىتابتا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللانسا بولىدىغان كونكرېت تەدبىر-تاكتىكىلارنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

تەتقىقاتچى مايكول سوبولىك بۇ كىتابىدا خىتاينىڭ جاھانگىرلىك غايىسى بولغان «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى نۇقتىلىق بايان قىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ «ئەسىر قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىغان بۇ پىلان دەسلەپتە نامرات دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشتىن باشلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە سىياسىي ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە قۇرۇلۇشىغا ئايلانغان. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پىلانى ئەمەس، بەلكى سىياسىي-جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەسىدۇر. ئۇيغۇر رايونى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەركىزى تۈگۈنى، ئۇ جايدىكى قاتتىق باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەل «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىساد مەركىزىنى ئامېرىكادىن خىتايغا يۆتكەشكە ئۇرۇنۇشىدۇر. شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ‹بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نى كۈچەپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىر بەلباغ بىر يول خەرىتىسىگە قارىساق، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى يولنىڭ يېرىمى دېگۈدەك شىنجاڭدىن ئۆتىدۇ. شىنجاڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئېچىلغان دەرۋازىسى بولۇپ كەلدى. شۇڭا خىتاي تارىختىن بېرى بۇ زېمىننى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمىدى. بۇ قۇرۇلۇش يەنە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھالبۇكى بۇ قىرغىنچىلىق ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان. خىتاي بۇ رايون ئارقىلىق ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، يىپەك يولى سودىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچەپ كەلمەكتە؛ بىر ياقتىن بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ بايلىقىنى بۇلاپ، قان-تەرىنى سۈمۈرمەكتە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ‹بىر بەلباغ بىر يول› سودىسىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا دوللار بىلەن ھېسابات قىلىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى شىنجاڭنىڭ دوللار بىلەن باغلانغان تاشقى سودىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باغلاش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك».

تەتقىقاتچى مايكول سوبولىك بۇ كىتابىدا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زىيادە كېڭەيگەن جاھانگىرلىك غەرىزىنىڭ بىر-بىرلەپ گۇمران بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي چۆكۈش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنىڭ بۇنى تېخىمۇ تېزلىتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتاينى ھالاكەتكە قىستاپ، بۇ يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشقا ھەرىكەتلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. كىتابىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىر-تاكتىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«مەن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسنىڭ بىرى شىنجاڭ سىياسىتى. يەنە بىرى ئۇچۇر كونتروللۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. ئەمما ئۇ ھەقىقىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ھۆكۈمەت قانۇنلۇق بولسا پۇقرالارنى كونترول قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە ئۇلارنى قورقۇتۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. كوۋىد ۋىرۇسى يامرىغان مەزگىلدە كوممۇنىستىك خىتاي ۋىرۇسنى كونترول قىلماي، ئۇچۇرنى كونترول قىلدى. كوممۇنىستىك خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدۇر. شۇڭا ئامېرىكا خىتايغا قارشى ئالىدىغان ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەردىن بىرى خىتايدىن ئۇچۇر ئېلىشنىڭ قىيىنلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. بىز بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ چەكلىمە-توساقلىرىنى ئاجىزلىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئوخشاش ئەركىن سۆزلىيەلەيدىغان، سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. مانا بۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نىشان قىلىدىغان ئىشلار؛ ئەگەر بىز خىتاينىڭ بىزگە قىلغانلىرىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ قويۇپلا ئولتۇرساق، بۇ رىقابەتتە ئۇلارنىڭ پايدىسىغا ئىش قىلغان بولىمىز. ئەمما بىز ئۇلارنى ئەڭ پايدىسىز رىقابەتكە قىستاپ ئاپىرىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكادىكى داڭلىق گېزىتلەر ۋە سىياسىي ئانالىزچىلاردىن باشقا يەنە سىياسىيونلار بۇ كىتابقا يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى مايىك گاللاگېر مۇنداق باھا يازغان: «‹خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت ئويۇنىغا تاقابىل تۇرۇش: ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىك ئىستراتېگىيەسى› ناملىق بۇ كىتابتا مايكىل سوبولىك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىشتەك كاتتا ئىستراتېگىيەسىنى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپتۇ. ئۇ ئۆز تەجرىبىسى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە نىشانىغا بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە بۇ بىر مەيدان ئويۇندىكى پايدا-زىياننى ھەمدە بىزنىڭ قانداق قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپتۇ».