CECC نىڭ 2023-يىللىق دوكلاتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى تەلەپ قىلىندى
2024.05.13
![chris-smith-Jeff-Merkley.jpg chris-smith-Jeff-Merkley.jpg](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mejburiy-emgek-04182023192846.html/chris-smith-jeff-merkley.jpg/@@images/ec6674af-968b-49a5-8add-eaeff0f0186c.jpeg)
10-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» (CECC) ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا 2023-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىندى.
مەزكۇر دوكلاتنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس (Chris Smith) ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي (Jeff Merkley) بىرلىكتە ئېلان قىلغان بولۇپ، كىرىس سىمىس دوكلات ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مەزكۇر يىللىق دوكلاتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) نىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا رىئايە قىلمىغانلىقى ھەمدە شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيانە جىنايەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى، شۇنداقلا بۇ جىنايەتلەرنى سۈرۈشتە قىلىشتىكى ئۆلچەم بېكىتىلدى. ئىنسانىيەتكە ئېغىر زىيان سالىدىغان بۇ جىنايەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» .
يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىنى كەسكىن ئەيىبلەپ كەلگەن جېف مېركلېيمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ: «خىتاي پۇقرالىرى خەلقئارا قانۇن بويىچە بارلىق كىشىلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك. لېكىن دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ كەلمەكتە. مەن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا تۇتۇلغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، CECC نىڭ بەرگەن تەۋسىيەلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشىنى تەلەپ قىلىمەن. »
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنى نىشان قىلغان چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت سېلىش پائالىيەتلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دۇنياۋى ماركىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىيولوگىيەلىك نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتى قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇ دوكلاتى ھەر يىلىدىكىگە ئوخشاش ناھايىتى مۇكەممەل يېزىلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت مەزمۇنلاردا تېخىمۇ تەپسىلىي توختالغان. بۇ دوكلاتتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولسا دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەۋسىيەلەرنىڭ تولۇق بولۇشىدۇر. ئۇلار تەۋسىيە قىلغان تەدبىرلەرنىڭ ئېچىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق سودا زەنجىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، دەپ قارايمەن. بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دائىرىسى پاختا ۋە شوخلا (پەمىدۇر) دىن ئۆتۈپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە خىمىيەلىك ماددىلارغىچە كېڭىيىپتۇ. ئادەتتە ئوخشىمىغان شىركەتلەر ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئوخشىمىغان سىستېما بويىچە ئىش كۆرىدۇ. شۇڭا مەيلى ئامېرىكانىڭ ئىچىدە بولسۇن، مەيلى سىرتىدا بولسۇن، ھەممىسىنى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈپ، ئىسپات توپلاش ۋە جازالاش تەكلىپى سۇنۇش ھەقىقەتەن مۇھىم. ئەگەر بىز راستتىنلا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئىشەنسەك ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرسەك، ئاندىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلالايمىز ۋە شۇ يەردىكى خىرىسلارنى كونترول قىلالىشىمىز مۇمكىن. »
مەزكۇر دوكلاتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار تەۋسىيەلەر بېرىلگەن. بۇ تەۋسىيەلەر كانادا ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى بويىچە ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇش، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى تولۇق ئىجرا قىلىش، ئىتتىپاقداش ۋە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قوغداش، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى ئالدىن ئويلىشىش، مەخسۇس تۈر ئاجرىتىپ، سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
«خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» ۋە كىرىس سىمىس بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم دوكلات ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىكى ئىجابىي نۇقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ كۆپ قىسمى بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرغا بولغان قاتتىق كونتروللۇقى بولمىغىنىدا ئۇنى تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق يېزىپ چىقىش مۇمكىن بولىدىكەن.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرىنى مۇئەييەن ئۈنۈم ياراتتى، دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ تۈردىكى جازا تەدبىرلىرىنى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتىش تەۋسىيەلىرىنى سۇنغان.
دوكلاتتا يەنە خوڭكوڭدا تۇتۇلغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى، تىبەت رايونىدىكى زۇلۇملار قاتارلىقلارمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە يەر ئالغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن، شۇنداقلا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.