خوتەن شەھەرلىك پارتكوم داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ئىنسانپەرۋەرلىكنى قايرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى
2014.01.14

ئۇيغۇر بىز تورى، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى (يەكشەنبە ئەتىگەن) خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى، خوتەن شەھەر ئىچىدىكى بارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ۋە مەسئۇللىرىنى جىددىي چاقىرتىپ، جىلباب كىيگەن، ھىجاپلانغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىز-ئاياللىرىنى داۋالىماسلىق توغرىلىق بۇيرۇق بېرى «مۇبادا، دوختۇرخانىدا بىرەر يۈزىنى ياپقان ئايال بايقىلىپ قالسا، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىپ دوختۇرخانىنى پېچەتلەيمىز...» دەپ تەھدىت سالغان. ئۇ خوتەن شەھىرىدە خىزمەت باشلىغاندىن بۇيان ھەر ساھەلەرگە مۇشۇ مەزمۇندا ئايرىم يىغىن چاقىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خوتەندە ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قويۇلۇۋاتقان قاتتىق چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ چەكتىن ئېشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ جىددىي تۈسكە كىرىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
يىغىنغا قاتناشقان، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ يىغىندىكى ئاساسلىق مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىدىن، شۇجى شەھەرگە كىرگەندىن كىيىن ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئەرەب دۆلەتلىرىگە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، يېقىندا خوتەن شەھىرىگە چارلاش ئاپتوموبىلىدىن 10 نى ئەكەلگەنلىكىنى، بۇلار مەخسۇس جىلباب كىيىم كىيگەن مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنى خالىغانچە تۇتۇپ ئاپىرىپ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، بۇنداق كىيىمنى كىيىشكە زادى كىمنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە يىل ئاخىرغىچە، خوتەن شەھەر ئىچىدە يۈزىنى يۆگەيدىغان بىرمۇ ئادەم قويمايمەن دەپ سۆزلىگەن.
پارتكوم سېكرېتارى چېن يۇەنخۇا يىغىندا بارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى مۇقىملىقنى كۈچەيتىپ ئامانلىق قوغداش خادىملىرىدىن ئاز دېگەندە 10 نەپەر تەييارلاش، جىلباب كىيگەن، روپاش بولغان خانىم-قىزلارنى داۋالاشنى رەت قىلىش توغرىلىق سۆزلىگەندىن باشقا. مۇبادا دوختۇرخانا تەۋەلىكىدە بىر روپاش بايقىلىپ قالسا، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىپ، دوختۇرخانىنى پېچەتلەيدىغانلىقىنى، مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس قىزىل تامغىلىق ھۆججەتنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ۋە يەنە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى داۋالاش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ، بۇرۇت، ساقال قويماسلىقى، قىز-ئاياللارنىڭ ياغلىق چەكمەسلىكى، يوپكا كىيمەسلىكى، ناماز ئوقۇماسلىقى ۋە دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇش سورۇنلىرىنى ھازىرلىماسلىقى قاتارلىق چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يېغىن ئاخىرىدا، بۇ پارتكوم سېكرېتارى يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇشقا قاتناشقان 68 نەپەر دۆلەت كادىرىغا چارە كۆرگەنلىك دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى نەۋقىران ۋاقىتلىرىنى ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەملەر ئىكەن. ئېيتىلىشىچە،بۇلارنىڭ ھازىر ئازغىنا پېنسىيە مائاشىمۇ توختىتىپ قويۇلغان.
بىز مەزكۇر ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خوتەن دىيارىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ كۆردۇق، ئۆزىنىڭمۇ خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 12-يانۋار داۋالاش ئاپپاراتلىرى مەسئۇللىرىغا چاقىرغان يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر دوختۇر، تارالغان ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرۈپ دوختۇرلارغا يەنە روپاش ئاياللارنى داۋالىمىغاندىن باشقا يەنە، ئۇلارغا تەربىيە ئىشلەش ھەتتا ئۇلارنى تىزىملاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىش، روپاشلارنى تۈزەشتە ساقچىلارغا ھەمكارلىشىشتەك ۋەزىپە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى :
خوتەن ۋالىي مەھكىمە تورىنىڭ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئېچىلغان يىغىن باشقا ساھەلەرگىمۇ ئايرىم-ئايرىم چاقىرىلغان بولۇپ، يېڭى يىل ھارپىسى يەنى 2013-يىلى 31-دېكابىر خوتەن شەھىرىدىكى بارلىق دىنىي ساھە كادىرلىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش يىغىنى چاقىرىپ، مەخسۇس دىنىي كەيپىياتنى كۆرۈنەرلىك سۇسلاشتۇرۇشنى يېڭى يىلدىكى خىزمەتلەرنىڭ مەركەزلىك نۇقتىسى قىلىشنى بۇيرۇق قىلغان.
ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن يەنە، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە دىنىي ساھە كىشىلىرىگە «خوتەن شەھىرىنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى» نى چاقىرىپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئېلىپ بارغان بۇزغۇنچىلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە خۇلاسىلەپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەزىپىسىنى ياخشى تونۇپ، تەبلىقلىرىدە ئېتىقادچى ئاممىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالاھىدە تەشۋىق تەربىيە قىلىش، دىنىي كەيپىياتنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ رول ئويناش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
چېن يۇەنخۇا ئىلگىرى پارتكوم سېكرېتارى بولغان خوتەن لوپ ناھىيىسىدىن بىر ھىجابلىق ئايال تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان ناھىيىدە، بولۇپمۇ يۈزىنى ياپقان ئاياللار، ساقال قويغان ئەرلەرگە بولغان تەقىبلەشنىڭ ئالاھىدە كۈچەيگەنلىكىنى، ئۇلارنى دائىرىلەرنىڭ كۆرگەنلا يەردە تۇتۇپ، جەرىمانە قويۇپ، يۈزىنى مەجبۇرىي ئېچىپ، تەھدىت سېلىپ يۈرگەچكە ئاياللارنىڭ تالاغىمۇ چىقالماس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش» خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىكى ئاساسلىق شوئارىغا ئايلاندى، شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى بويىچە يۈرۈش-تۇرۇشىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئاساسلىق باستۇرۇش نىشانى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم، خوتەن بولسا دىنىي جەھەتتە باستۇرۇش تېخىمۇ ئېغىر بولۇۋاتقان نۇقتىلىق جايلارنىڭ بىرى. خوتەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن خوتەن شەھىرىدە دىنىي كەيپىياتنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ ۋەزىپىسىنى باشلىغان پارتكوم يېڭى سېكرېتارى چېن يۇەنخۇانىڭ خوتەن شەھىرىگە يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى لوپ ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە لوپتا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئوخشاشلا، ئۇيغۇرلارنى دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇشتا ئالاھىدە قاتتىق قول سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى ۋە دەل شۇ سەۋەبلىك خوتەن شەھىرىگە ئۆستۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. تەڭرىتاغ تورىدا ئىلگىرى يەنى ئۆتكەن يىلى 11-ئىيۇندا چېن يۇەنخۇانىڭ لوپ ناھىيىسىدە 2011-يىلىدىن باشلاپ 6000 نەپەر پارتىيە ياچېيكا ئەزا ھەم كادىرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4000 نەپەر يۈزىنى ياپقان ئايالغا تەربىيە ئىشلەپ ئۇلارنىڭ يۈزىنى ئاچقۇزغانلىقىنى، ئۇنىڭ ناھىيىدە ئېلىپ بارغان بىر قاتار ۋەزىيەتنى تۈزەش تەدبىرلىرى تۈرتكىسىدە، ناھىيىدىكى دىنىي كەيپىياتنىڭ كۆرۈنەرلىك سۇسلاشقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.