«خىتاينىڭ جازا لاگېرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خەلقئارا سىياسەت» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.09.09
olsi-turkiye-yighin-1.jpg «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر» دېگەن تېمىلاردا يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 7-سېنتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

2019 يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ بەيلىكدۇزۇ رايونىدىكى كايا مېھمانخانىسىدا «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر» دېگەن تېمىلاردا يىغىن ئېچىلدى. بۇ يىغىندا، خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان ۋە جازا لاگېرلىرىنى «دوزاخنىڭ نەق ئۆزى» دەپ باھا بەرگەن ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى مۇخبىر دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ، قەلب ۋە مېڭىلىرىنى يۇيۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى ۋە «دۇنيادا بۇنداق ۋەھىيىمىلىك بۇنداق بىر دەھشەتلىك بىر دۆلەتنى كۆرمىدىم» دېدى.

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم، ئىستانبۇلدىكى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

بۇ يىغىننى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دوكتور-پروفېسورلىرى بىلەن ئىستانبۇلدىكى دىنى ئۆلىمالارنىڭ ھەم كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ئەڭ دىققەت تارتقان نۇقتا بولدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋە ئامېرىكىدا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆيىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقى بىزنى ئىنتايىن سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئەھۋال بولسىمۇ ئەمما لېكىن بۇ ئىلگىرىلەشلەر خىتاينىڭ رەزىل قولىنى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدىن، ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ چېچىدىن قولىنى تارتىشقا يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ پاسسىپ ۋە مەسئۇلىيەتسىز تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە «بىزنى پۈتۈن دۇنيا قوللىمىغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەق داۋايىمىزنى تاشلىمايمىز، يېڭىلمەيمىز، ھەققىمىزنى تارتىپ ئېلىشنىمۇ بىلىمىز، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشقا ئېھتىياجى بار»، دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن تەتقىقاتچى دوكتور ئولىسى يازىجى ئەپەندى، قەشقەر ۋە ئاقسۇنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن لاگېرغا سولانغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلار ئاساسلىقى، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغانلار، ھالال يېمەك يېيىشكە ئۇرۇنغانلار، خىتاينىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلىنى ئالمىغانلار ئىكەن. ئۇلار لاگېردا 24 سائەت خىتايچە سۆزلىشىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن. دىنىڭلاردىن ۋاز كېچىشى كېرەككەن، تىلىڭلارنى ۋە ئۇيغۇرلۇق، قازاقلىق، قىرغىزلىق كىملىكىڭلارنى ئۇنتۇش كېرەككەن. پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگىلا ئىشىنىشى كېرەككەن. بۇ يەر پەقەت جازا لاگېرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئىدىيەنى، روھنى كونترول قىلىدىغان لاگېر ئىكەن. شۇڭلاشقا بۇ يەردە سىلەرنىڭ جىسمىڭلارنى، روھۇڭلارنى كونترول قىلىپ، مېڭەڭلەرنى ۋە قەلبىڭلارنى يۈيۈپ تاشلىماقچى بولۇۋېتىپتۇ. مەن دۇنيادا بۇنداق ۋەھىيىمىلىك، بۇنداق بىر دەھشەتلىك بىر دۆلەتنى كۆرمىدىم».

دوكتور ئولىسى يازېىجى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، جازا لاگېرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە ماڭغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىر سېكرېتارىدىن لاگېرغا قانچە كىشىنىڭ سولانغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ 500 مىڭ كىشىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دوكتور ئولىسى ئەپەندىدەك جاسارەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى خىتاينىڭ خاتالىقلىرىنى دۇنياغا كۆپلەپ پاش قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا ئايدا بىرەر پارچە ماقالە ئۇچراتقان بولسا ھازىر ھەر كۈنى ئونلارچە خەۋەر ۋە ماقالە ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىقىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يوق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى دوكتور ئولىسى يازىجى ئەپەندىگە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى كۆز بويامچىلىقىنى پاش قىلىپ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەشەككۈر بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭغا تون كىيدۈردى شۇنىڭدەك يەنە تەقدىرلەش لەۋھەسى تەقدىم قىلدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، دوكتور ئولىسىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ۋىجدانى بىلەن ھېسابلىشىپ مەنپەئەتتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ۋە ئۇلارنى ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت قەبىھ قىلمىشلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.