يېڭى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك كۆزىتىش تەمىنات زەنجىرى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكىدىكى ئالىي دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى C4ADS نىڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى سىستېمىسىغا سۈنئىي ئىدراك، بىئولوگىيەلىك تونۇش ۋە سىنلىق كۆزىتىش تېخنىكىلىرىنى داۋاملىق سەپلەۋېتىپتۇ.

«چېگرا رايونلارنى كۆزىتىش» ناملىق بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش خاتىرىلىرى ۋە كارخانا ئۇچۇرلىرى تەھلىل قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭدىكى رەقەملىك كۆزىتىش تۈرلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن.

شەرقىي تۈركىستانغا دائىر تەھلىلدە، بۇ تەتقىقات مەركىزى 2013-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان يۈز مىڭلىغان ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش خاتىرىسى ئىچىدىن كۆزىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك 673 دانە توختامنى تاللاپ چىققان. بۇلار ئىچىدىكى 135 توختامدا كەم دېگەندە بىر خىل بىئولوگىيەلىك تونۇش تېخنىكىسى تىلغا ئېلىنغان. خىتاي تېلېگرافى، خىتاي كۆچمە تېلېگرافى ۋە خىتاي بىرلەشمە تېلېگرافى قاتارلىق شىركەتلەر بۇ تۈرلەردە كۆپ قېتىم تەمىنلىگۈچى سۈپىتىدە كۆرۈنگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا جازالىغانخەيكاڭ ۋېيشى Hikvision ۋە يۈشى Uniview تېخنىكىسى قاتارلىق شىركەتلەر گەرچە بىۋاسىتە تەمىنلىگۈچى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ياكى نامى شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزىتىش تۈرلىرىگە دائىر 54 دانە توختامدا كۆرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ساتقۇچىلار ۋە ئوتتۇرىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ جازالانغان كارخانىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى رولىنى يوشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

2024-يىلدىكى بىر مىسالدا، بىڭتۇەن 12-دېۋىزىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەخمىنەن بىر مىليون 65 مىڭ يۈەنلىك توختام ئارقىلىق كۆزىتىش كامېرالىرىنى ھەمدە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر توپلاش، پۇت ئىزى ۋە ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغان. 2023-يىلى بىڭتۇەن 8-دېۋىزىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق كۆرۈنۈشلۈك بىلىش ۋە تەھلىل قىلىش سىستېمىسى سېتىۋالغان.

مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى پەقەت بىر قانچە كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقارغۇچىنى جازالاشلا زۇلۇمغا ئالاقىدار تەمىنات زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ساتقۇچىلار، ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش مەقسىتى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.