ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «تەڭرىتاغدىكى ھەسەن-ھۈسەن» ناملىق ئەسىرى شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «تەڭرىتاغدىكى ھەسەن-ھۈسەن» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى 2026-يىللىق پارىژ PX3 فوتوگرافىيە مۇكاپاتى (Prix de la Photographie, Paris, PX3) دا شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «تەڭرىتاغدىكى ھەسەن-ھۈسەن» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى 2026-يىللىق پارىژ PX3 فوتوگرافىيە مۇكاپاتى (Prix de la Photographie, Paris, PX3) دا شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ ئەسەر 2007-يىلى ئىيۇلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىكەس ناھىيەسى قاراجۆل يايلىقىدا تارتىلغان بولۇپ، سۈرەتتە يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن-ھۈسەن تەڭرىتاغنىڭ قارلىق چوققىلىرىنى كېسىپ ئۆتكەن، تاغ ئېتىكىدىكى گۈزەل يايلاق ۋە ئورمانلىق كۈن نۇرىدا ئېنىق قاتلاملارنى شەكىللەندۈرگەن.

ئابلىكىم ئەمەت ئۇزۇن يىل فوتو سۈرەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان تونۇلغان فوتوگرافتۇر. ئۇ ئانا ۋەتىنىنىڭ تاغ-دەريالىرى، ئېدىر-كۆللىرى ۋە يايلاق-ئوتلاقلىرى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنى خاتىرىلەپ كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىلىرىدە قويۇلغان.

2023-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى ئۇنىڭ ئۈچۈن «ئانا يۇرت» ناملىق شەخسىي سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كۆرگەزمە ئاپرېلدىن ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان. 2024-يىلى، ئۇ يەنە ئىندىيانا ئال ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن «فوتو ئاپارات كۆزىدىكى ئانا يۇرتۇم» ناملىق سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ فوتو سۈرەت ئىجادىيىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن.

پارىژدىكىPX3 فوتو سۈرەت مۇكاپاتى 2007-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ هر قايسى جايلىرىدىكى فوتوگرافلارغا يۈزلەنگەن خەلقئارالىق فوتو سۈرەت مۇكاپاتىدۇر.