خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەكلىپى بىلەن 23-سىنتەبىردىن 25-سىنتەبىرگىچە ۋاشىنگىتوندا زىيارەتتە بولدى. ترامپ شى جىنپىڭنى يۇقىرى ئۆلچەمدە كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى ئاساسلىقى سودا، فېنتانىل، سۈنئىي ئىدراك، تەيۋەن ھەمدە خەلقئارا بىخەتەرلىك قاتارلىق تېمىلارغا چېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سودا مەسىلىسىدە كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم ئورتاق تونۇشلارغا ئېرىشتى.
بۇ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، بىر قىسىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ترامپنى ئىنسان ھەقلىرى، ئۇيغۇر، تەبەت، خوڭكوڭ ھەمدە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار قاتارلىق مەسىلىلەردە شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغانىدى. بىراق، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ترامپ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان.
ئۇيغۇر ئوبزورچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە رادىيومىزنى زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن «ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ۋە ئىنتايىن ئازابلانغانلىقى»نى بىلدۈردى.
دونالد ترامپنىڭ بىرىنجى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېئو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنىدى. ئىلشات ئەپەندىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى قەغەز يۈزىدىلا قالدۇرۇپ قويماستىن، جاۋابكارلىقنى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلشات ئەپەندىم يەنە مۇنداق دېدى: «ترامپ ئەپەندىمنىڭ ھۆكۈمىتى بىزگە ئۈمىد بەرگەن. (ئەمدى) بۇ مىللىي قىرغىنچىلقنىڭ قاتىلىنى قىزىل گېلەم سېلىپ قارشى ئېلىش بىلەن بۇ ئۈمىدنى ئۆزى دەسسەپ چەيلىگەن بولدى، (بۇ) شەخسەن ماڭا ناھايىتى ھار كەلدى.»
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈپەيلى كۈرەشتىن ۋاز كەچمەسلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىغا، شۇنداقلا تۈپكى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
