ئۈرۈمچىدە قۇرئان كۇرسىغا قاتناشقان 190 ئۇيغۇر پەرزەنتى تۇتقۇن قىلىندى
2014.09.17

ئۈرۈمچىدە مەخپىي قۇرئان كۇرسىغا قاتناشقان 190 ئۇيغۇر پەرزەنتى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشتى دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىندى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە، قانۇنسىز دىنىي تەلىم ۋە دىنىي تەشۋىقاتقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ۋە 26 ئورۇندىكى قۇرئان كۇرسلىرىغا بېسىپ كىرىپ، 47 قانۇنسىز تەشكىلاتقا زەربە بەرگەنلىكى، 190 نەپەر كىچىك بالىلارنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمما تۇتۇلغان كىچىك بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ شىنخۇا ئاخباراتىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ مەلۇماتىدىن، ئۈرۈمچىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، قانۇنسىز تەشۋىقات، دىنىي ئىنتېرنېتتا قانۇنسىز دىنىي تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان 35 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان.
يېڭى ۋاقىت گېزىتىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ ئاتالمىش رادىكال ۋە بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلار بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ كەلدى. ئەمما مەيلى خىتاي دائىرىلىرى بولسۇن، مەيلى يەرلىك ئەمەلدارلار بولسۇن، بۇ ۋەقەلەرگە چېتىلىپ تۇتۇلغانلار، تۈرمىگە قامالغانلار ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەيدۇ.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدرىسىلەردە دىنىي تەلىم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى، ئائىلىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى مەخپىي ئېچىلغان ۋە دىنىي تەلىم بېرىدىغان قۇرئان كۇرسلىرىغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر دىيارىدا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك دىنىي تەلىم ئېلىشىغىمۇ چەكلىمە قويدى.
بۇ خەۋەر دۇنيا بۇلتەنى، خەبەر7 قاتارلىق تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن تور گېزىتلىرىدىمۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ، خەۋەر7 تور گېزىتىدە 41 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن ۋە 11 كىشى تەرىپىدىن ئىنكاس يېزىلغان.
زامىرا ئامىروۋا ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق ئىنكاس يازغان: كوممۇنىزمغا نىسبەتەن دىن ئەپىيوندۇر، كوممۇنىزىمدا پەرزەنتلەرمۇ دۆلەتكە ئائىت ھېسابلىنىدۇ.
ئۆمەر دېڭىز ئىسىملىك كىشى مۇنداق پىكىر يازغان: خىتاي دۆلىتى يەنە خىتايلارنىڭ قولى بىلەن يوق بولىدۇ، ئاللانىڭ ياردىمى، خەلقلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە بولسۇن.
تېئومەن ئورالئوغلى ئىسىملىك تور زىيارەتچى خىتايلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق پىكىر يازغان: ئىسلام دىنىنى يەنى ئاللاھتائالانىڭ دىنىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە زۇلۇم قىلماڭلار، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەقىل بىلەن پىكىر -تەپەككۇر قىلىڭلار، سىلەرمۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلىڭلار، سەمىمىيلىك بىلەن دەۋاتىمەن، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ چۈشەنگىنىڭلاردەك ئەمەس، ئاللانىڭ ئالدىغا دىنسىزلىق ياكى ئىسلام دىنىدىن باشقا بىر دىن بىلەن قايتماڭلار، ھامان بىر كۈنى ئۆلىسىلەر، نەگە بارىدىغانلىقىڭلارنى، ئۇ يەردە نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك. ئەمما ئۆلگەندىن كېيىن بەك پۇشايمان قىلىسىلەر، بۇ نەسىھەتلىرىمگە قۇلاق بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەمەل جاندان ئىسىملىك بىر كىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق يازغان: بۇ مەسىلىگە ھۆكۈمەت بىر نەرسە دىسۇن، ياكى بىز سۆزلەيلى، ھۆكۈمەت بىر ئىش قىلسۇن، خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلايلى، ئاشخانا جىھازلىرىنى ۋە تازىلىق قەغىزىنىمۇ خىتايدىن سېتىۋالىمىز، ئەمما بىر ئاز ئەقىلنى ئىشلىتىپ بۇلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش كېرەك.
شۈكرۈ مەرگەن ئىسىملىك بىر زىيارەتچى مۇنداق يازغان: تۈركىيە نېمە ئۈچۈن خىتايغا قارشى سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاز دېگەندە خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىگە-چاقىسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش كېرەك. خىتايلار ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق دەپ ئويلىمىسۇن، بەلكى خىتايغا كۈچىمىز يەتمەيدۇ، ئەمما ئاۋازىمىز چىقىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق خېتى يېزىپ قارشىلىق قىلىشى كېرەك.
رەجەپ قالايجى ئىسىملىك تور زىيارەتچى كوممۇنىزم تۈزۈمىنىڭ ئىسلامغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق پىكىر يازغان: تۈركىيەدىكى تەك پارتىيىلىك دەۋرنى بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئەمەلىي ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، كوممۇنىزم ياكى سوتسىيالىزم دېگەنلەر دىنىي چۈشەنچە ئىسلامغا قارشىلىق چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەممىسى ئوخشاش سېستىم بىلەن ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۆلگەندە بولسا يەنە دىنىي قائىدە-مۇراسىم بويىچە ئەبەدىيلىك ئالەم بولغان ئاخىرەتكە سەپەر قىلىشنى خالايدۇ، دىنغا دۈشمەنلىك قىلغانلار ئۆلگەندە تاۋۇتى مەسچىتكە كەلتۈرۈلۈپ ناماز ئوقۇلىدۇ، ھەققىنىڭ ھالال بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھېچ چۈشەنمىدىم، نېمە ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادى يوق، دىنغا ئۆچمەنلىك قىلغان بىرىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن دىندارلاردىن ھەققىگە رازى بوپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ئەگەر ئۇلار ھەققىگە رازى بولغان تەقدىردە ئۆزلىرىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى ئويلامدۇ بۇ دىن دۈشمەنلىرى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئىسلاھ قىلسۇن دېسەممۇ ئىسلاھ بولىدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن كىچىك بالىلارنىڭمۇ قۇرئان ئۆگىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟ خىتاينىڭ دىنغا بېسىم قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا ئۇيغۇرلار قانداق قارايدۇ؟ بىز، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.