د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكادا بىر نەچچە چوڭ ئۇچرىشىشلاردا بولدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.04.09
Alice-wells-dolqun-eysa-qanat.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەلىس ۋېللس خانىم بىلەن. 2019-يىلى 8-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
RFA

6-ئاپىرىلدىكى بۈيۈك نامايىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا نامايىشتىن كېيىن ئامېرىكىدا يەنە بىر نەچچە چوڭ ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

بۇلارنىڭ بىرى ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات بىلەن بىللە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەلىس ۋەللس خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىش.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەللس خانىم سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ۋە خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا كۆلەملەشتۈرگەن لاگېر مەسىلىسىگە ئالاھىدە قىزىققان.

ۋەللس خانىم 8-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.