دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇۋاتقان «قوش ئۆلچەملەر»

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.09.25
Amerika-xitay-bayraq-shahmat ئامېرىكا ۋە خىتاي بايرىقىنىڭ ئالدىدىكى شاھمات تاختىسى، 2022-يىلى 25-يانۋار
REUTERS

22-سېنتەبىر «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «دۇنيا تەرتىپى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوش ئۆلچەملىرى سەۋەبلىك ھالاك بولامدۇ؟ » ناملىق ماقالە «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇۋاتقان «قوش ئۆلچەملەر» مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 «ئۆلچەملەرنىڭ بۇزۇلۇشى-غەربنىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ قىممىتى ھەققىدە مۇلاھىزە» ناملىق بۇ دوكلاتنى گېرمانىيەلىك سىياسەتشۇناس، ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەتقىقات ۋە نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى ئايزېنترائۇت (Sophie Eisentraut) ھازىرلىغان. دوكلاتتا بايان قىلىشىچە، گىئو-سىياسىي توقۇنۇشلار كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا غەربنىڭ مودېلى، يەنى نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاساسىي قائىدىلەرگە تايانغان دۇنيا تەرتىپى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن بارغانسېرى يىراقلاشماقتا ئىكەن. بۇ ھال كەلگۈسىدە غەرب ئەللىرىنى تېخىمۇ ئېغىر ئاۋارىچىلىكلەرگە گىرىپتار قىلىدىكەن، شۇنداقلا غەربنىڭ رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ خورىتىدىكەن.

دوكلاتتا تەسۋىرلىشىچە، يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ھىندىستان، تۈركىيە، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، نىگېرىيە، مېكسىكا، پاكىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، بىرازىلىيە قاتارلىق 2 مىليارد 700 مىليون ئىنسان ياشايدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان 9 دۆلەتتىن نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ قىممەت قارىشىغا ھەم مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارايدىغانلار ئاران 52 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. نۇرغۇن دۆلەتلەر غەربنى «قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ، ئۆز مەنپەئەتلىرىگە توغرا كەلسە دۇنيا تەرتىپىنى بايراق قىلىپ كۆتۈرۈۋالىدۇ، توغرا كەلمىسە دۇنيا تەرتىپىگە پەرۋا قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئۆزلىرى بۇزىدۇ» دەپ قارايدىكەن. بەزى دۆلەتلەر يەنە «بۇ خىل قوش ئۆلچەملىك دۇنيا تەرتىپىنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ئەۋزەلرەك، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى تېخىمۇ ياخشى» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. سوفى ئايزېنترائۇتنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ خىل ئەيىبلەشلەر تامامەن توغرا ئىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ئالىي كومىسسارى يوسېف بوررېل يېقىندا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن: «مەن مەيلى قەيەرگىلا بارماي، دائىم قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىمەن. »

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 2023-يىللىق «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە: «يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسى غايىب بولدى، بۇنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى مېنى چۆچۈتىدۇ» دېگەن.

مەزكۇر دوكلات غەرب ئەللىرىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى ئاساسىي تېما قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىدىغان سىياسىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالمىغان. ئەمما گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قوش ئۆلچەم قوللىنىدىغان دۆلەت خىتايدىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە مەسچىتلەرنى سېلىپ بېرىش، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن ئالدامچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر پەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

غەرب ئەللىرىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قىممەت قارىشى ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن دۇنيا تەرتىپى نېمە ئۈچۈن ھازىرغا كەلگەندە دۇنيا جامائىتىنىڭ بارغانسېرى ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ؟

ماقالىدا بايان قىلىشىچە، 2022-يىلى 24-فېۋرال رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن «ئەگەر رۇسىيە غەلىبە قىلسا، بۇ ئاساسىي قائىدىلەرگە تايانغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن. ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنى «تاجاۋۇزچى، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلەشتە ئاسانلا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن. بىراق ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، غەرب دۆلەتلىرى زۇۋان سۈرمەي تۇرۇۋالغان. رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە مەيدانىنى ئاشكارىلىغان غەرب دۆلەتلىرى، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللانغان. غەرب ئەللىرى يەنە، بىر قىسىم مۇستەبىت دۆلەتلەرنى دىكتاتورلۇقتا ئەيىبلەپ تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋەرگەن.

بۇ خىل ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقان ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام: «ياۋروپالىقلار ياۋروپانىڭ مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ مەسىلىسى، دەپ قارايدۇ، ئەمما دۇنيانىڭ مەسىلىسىنى ياۋروپانىڭ مەسىلىسى دەپ قارىمايدۇ» دېگەن بولسا؛ ھىندونېزىيەنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پرابوۋا سۇبىيانتو «غەرب دۆلەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۇكرائىناغا بىر خىل ئۆلچەم، پەلەستىنگە يەنە بىر خىل ئۆلچەم قوللانماقتا» دېگەن.

ھالبۇكى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل «قوش ئۆلچەم» سىياسىتىدىن خىتاي تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. خەۋەردە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك 2023-يىلى 4-ئايدىكى بېيجىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىگەندە، خىتاينىڭ شۇ چاغدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن گاڭ رەددىيە بېرىپ: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە غەربنىڭ ئۇستازلىق قىلىشىغا خىتاينىڭ ئېھتىياجى يوق» دېگەن.

خەۋەردە شەرھلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپى ھەققىدىكى نەزەرىيەسى: «مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇق» ئۇقۇمىدىن ئىبارەت بولۇپ، «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش» نى تەشەببۇس قىلىدىكەن. پۇتىن ئۆتكەن يىلى جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلگەن «كېسەك دۆلەتلىرى» ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ بۇ تەشەببۇسىنى قوللاپ، «ھەقىقىي كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئاپىرىدە بولماقتا، بىر دۆلەت ياكى بىر ئۇچۇم دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىش دەۋرىگە خاتىمە بېرىلمەكتە» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.