«ئەركىنلىك سارىيى» دوكلاتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈشتە بىرىنچى»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.04.06
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يورۇتۇلدى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بولغان ئەركىنلىك سارىيىنىڭ پرېزىدېنتى Michael Abramowitz يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 9-يانۋار.
c-span.org

ئامېرىكادىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» 4-ئاينىڭ 6-كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2022-يىلدا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ھۆكۈمەتلەر ۋە جىنايەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىدىن مەلۇمات بەرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشتا بىرىنچى بولۇپ، 2014-يىلدىن بۇيان 253 قېتىم ۋەقە سادىر قىلغان؛ دۇنيادىكى ئومۇمىي باستۇرۇش ۋقەلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 30 پىرسەنتكە يەتكەن.

بۇ دوكلاتتا، دۇنيادىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ چەت ئەلدىكى ئۆكتىچىلەر ياكى باشقا پىكىردىكىلەرنى زوراۋان ۋە قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن بېسىقتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.

2014-يىلدىن بۇيان 91 دۆلەتتە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن 38 ھۆكۈمەت ئاز دېگەندە 854 قېتىم بىۋاسىتە ھالدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، دۇمبالاش، قاماققا ئېلىش ۋە چېگرادىن قانۇنسىز قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق جىنايەتلەر بار ئىكەن. خىتاي، تۈركىيە، تاجىكىستان، رۇسىيە ۋە مىسىر ھۆكۈمەتلىرى بۇ جىنايەتلەرنى ئەڭ كۆپ سادىر قىلغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىكەن.

كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئەركىنلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى مەنىۋىيەت كۈرەشلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 28-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
ئەركىنلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى مەنىۋىيەت كۈرەشلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 28-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
RFA

«ئەركىنلىك سارىيى» رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، بۇ ئورگاندا ئىشلەيدىغان رەھبىرىي خادىملارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن:

«ئەركىنلىك سارىيى» رەئىسى مايكول ئابراموۋىتىز (Michael Abramowitz) مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلىگە بولغان ھۇشيارلىقنىڭ كۈچىيىشىگە قارىماي، تېخىمۇ كۆپ مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر مۇھاجىرەتتىكى پۇقرالىرى ۋە سۈرگۈندىكى ئاھالىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئېلىپ كەلگەن تەھدىت يوقالغىنى يوق. دېموكراتىك جەمئىيەتلەر ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى چوقۇم قوغدىشى كېرەك».

«ئەركىنلىك سارىيى» ئىستراتېگىيە ۋە پىلان تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى يانا گوروكوۋسىكايا (Yana Gorokhovskaia) مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلارنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مۇستەبىت ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىگۈچىلەر مەيلى مۇخبىر ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن دائىم پاراكەندىچىلىك ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراپ كەلدى. بۇنداق مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە مۇستەقىل ئاخباراتلارنى قامال قىلىپ، دۆلەت سىرتىدا تاراتقۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىشىگە دۇنيا يول قويماسلىقى كېرەك».

مايكول ئابراموۋىتىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ئامېرىكاغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چوقۇم «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قانۇن-لايىھەسى» نى ماقۇللاپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە نۇقتىلىق زەربە بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنى ئىلھاملاندۇرغىنى شۇكى، بىر قانچە دېموكراتىك دۆلەت يېقىندا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلارغا زەربە بېرىش خىتابنامىسى ئىمزالىدى. بۇ ئىش سىياسەت قارارى چىقىرىدىغانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە قىممەت قارىشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ».

3-ئاينىڭ 30-كۈنى، «ئەركىنلىك سارىيى» ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، كوسوۋو، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، سلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا زەربە بېرىش پرىنسىپىى خىتابنامىسى» ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى؛ خىتابنامىدە «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا سېلىنغان تەھدىتتۇر» دەپ جاكارلانغان بولۇپ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ چېگرا ئاتلاپ ئادەم تۇتۇش، قورقىتىش، قىيناش قىلمىشلىرىغا تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە بېرىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەمەت توختى ئەپەندى «ئەركىنلىك سارىيى» ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز بۇ دوكلاتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، چەت ئەللەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.