ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.10.15
ilham-toxti-erkinlik-1.jpg ئىتالىيە پايتەختى رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان. 2019-يىلى 12-ئۆكتەبىر.
Photo: RFA

ئىگىلىشىمىزچە، ئىتالىيە پايتەختى رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان.

ئىتالىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ئەركىنلىك جەمئىيىتى» نىڭ تور بېكىتىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات 12 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئىتالىيە پايتەختى رىم دا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان «ئەركىنلىك يۈرۈشى» پائالىيىتىنى، بۇ يىل شۇ يەر ۋاقتى 12-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە باشلىغان. ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان «ئەركىنلىك يۈرۈشى» رىم شەھىرىنىڭ كامپانانو رايونىدىن باشلىنىپ، نامايىش 4 ساتئەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، رىم شەھىرىگە قاراشلىق سوربو شەھەرچىسىدە ئاياغلاشقان.

يۈرۈشتىن كېيىن سوربو شەھىرىدىكى سانكتۇئاري سارىيىدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-ئۆكتەبىردىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» ۋە يۈرۈشتىن كېيىن رىمنىڭ سوربو شەھەرچىسىنىڭ سانتۇئاري سارىيىدا ئېچىلغان يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى خىتاي، ۋېنسۇئىلا، ئىران قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش پرىنسىپلىرىغا قارشى ھالدا، بۇ دۆلەتلەردە ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى چەكلەش، بولۇپمۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ئېتىقاد ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشىغا دۇنيانىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان «ئەركىنلىك يۈرۈشى» گە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كەلگەن. 2019-يىللىق «ئەركىنلىك يۈرۈشى» گە، ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمران ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر ۋەكىللىرى قاتارىدا، گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» دىن ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ تەكلىپ قىلىنغان.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە يۈرۈشتىن كېيىن سوربو شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىندا خىتاينىڭ جاز لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىلى ئىلھام توختى ۋە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يۈرۈشكە قاتناشقان ۋە يۈرۈشتىن كېيىنكى يىغىندا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 12-ئۆكتەبىر رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى. )ئاۋاز(

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەركىنلىك يۈرۈش» پائالىيىتىدىن كېيىن، مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان «ئەركىنلىك جەمئىيىتى» رەئىسى ئولىتا ئەپەندى ئۆز سۆزىدە خىتاي، ئىران، ۋېنسوئىلا قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەكىتلىگەندە، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ يىغىندا بەرگەن دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ دوكلاتىدىكى 2 مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ ناتسىسلارچە جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سەرخىلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە يىغىندا ئەڭ كۆپ سوئال سورۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن يىغىن ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.