ئەخمەتجان قاسىمنىڭ «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابى گوللاندىيەدە نەشر قىلىندى
2022.05.03
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ پاجىئەلىك رېئاللىقنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشتا پائال ھەركەت قىلىپ كەلمەكتە.
15 يېشىدىن بۇيان گولاندىيەدە ياشاپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئەخمەتچان قاسىمنىڭ «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابى 29-ئاپرېل گوللاندىيەدە گوللاند تىلىدا نەشىردىن چىققان. بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ئەخمەتجان قاسىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەخمەتجان قاسىم كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن بالىلىق ۋاقتىمدىن ھازىرغىچە بولغان ھايات ھېكايەمنى ئاساس قىلىپ، بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم. بۇ كىتابىمدا ئۇيغۇرلار چەت ئەلدە دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل خىرسلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ شەخسىي قاراش ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىمنى سۇندۇم.»
ئەخمەتجان قاسىم يەنە كىتابىنى قانداق بىر مەقسەت بىلەن يېزىپ چىققانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىنسانلارنىڭ كۆپىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كىتاب يېزىلغىنى يوق. بۇ خىل ئېھتىياجنى تونۇغان نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا كىتاب يېزىشنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. مېنىڭمۇ شۇنداق ئويۇم بولغاچقا، 2020-يىلى ئۈچىنجى ئايلاردا كىتاپ يېزىشنى قارار قىلدىم.»
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كىتابنى نەشىر قىلغان گوللاندىيەدىكى بېرترام ۋەدېلېۋ (Bertram ve de Leeuw) نەشىرياتىنىڭ خوجايىنى ئەمىل بومىن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر ھېكايە، ئەخمەتجاننىڭ ئۆزىمۇ ئېسىل ھەم ئىنتايىن ئاكتىپ بىر ياش. ئۇ ھەر خىل يوللار بىلەن ئېرىشمەكچى بولغان نىشانىغا قاراپ تىرىشىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. شۇڭلاشقا بىز بۇ كىتابنىڭ ئېنتايىن ياخشى بىر كىتاب بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۇق.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ گوللاندىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئوقۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ھېكايە بولىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى ئاڭلىغان، ئەمما ئۇلار بۇ خىل شەخسىي ھېكايىلەرنى ئوقۇمىغان. ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېكايىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى گوللاندىيەلىكلەرگە تېخىمۇ ئىنىق يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. ھازىرغىچە گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغىنىمىزدا، ھەم مېنىڭ شەخسىي كۆزىتىشىمچە، ئۇنىڭ بۇ كىتابى گوللاندىيەدە ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتابلار كاتېگورىيىسىگە كىرىشى مۇمكىن. »
مەلۇمكى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان دوكلاتلار ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئومۇمىي ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن چەت ئەل تىللىرىدىكى كىتابلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىشى ئاز بولماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، غەرب ئەللىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ خىل ئىلمىي ئەمگەكلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تىخىمۇ كونكىرېت ئىزاھلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە خەلقئارالىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكلىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.
زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئەخمەتجان قاسىم «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكىنى، نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى، كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن گوللاندىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىتىنى يېقىندىن تونۇيالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىتاپ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان گوللاندىيەدەك بىر دۆلەتتە، ئۇيغۇر داۋاسىنى كىتاب يېزىش ئارقىلىق قوللاش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن. بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى گوللاندىيە خەلقىگىلا ئاڭلىتىپ قالماي، بەلكى باشقا ياۋروپا ئەللىرىدە ئاڭلىتىشقىمۇ تۆھپە قوشالايدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇندىن باشقا كىتابىم چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە ئاكتىپ پوزېتسىيە بىلەن قارىشىغىمۇ مەلۇم پايدىسى بار، دەپ ئويلايمەن.»
ئەخمەتجان قاسىم يازغان «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم مەزكۇر كىتاب ھەققىدە قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئاسىيە خانىم ئەخمەتجان قاسىمنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى، بولۇپمۇ پەرزەنت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئەخمەتجان قاسىم 1996- ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مەكتەپلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدا تاماملىغان. 2011-يىلى ئانىسى بىلەن گوللاندىيەگە كىلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە قانۇن كەسپىدە ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گوللاندىيەدە تونۇتۇش ئۈچۈن ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.