لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى: «ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم يىغلاشقا رۇخسەت قىلىدۇ»

0:00 / 0:00

لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ تۇرغان ئاياللار لاگېرىدا تۇتقۇنلار ياتاقتىن سىنىپقا ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە يالاپ ئېلىپ چىقىلغان؛ كۈنىگە 14 سائەت «دەرس» ئۆتۈلگەن؛ بۇ 14 سائەت ئىچىدە پەقەت بىر ياكى ئىككى قېتىملا تەنەپپۇس ۋاقتى بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ ياتاق ۋە سىنىپتا ئۆزئارا سۆزلىشىشى ۋە يىغلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن دائىرىلەر، ئۇلارغا ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىككى سائەتلىك يىغلاش ۋاقتى بەرگەن. تۇتقۇنلار بۇ يىغلاش سائىتىدىمۇ ساقچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغان.

لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، لاگېرنىڭ بىر قىسىم ئىچكى تۈزۈملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئاشكارىلىنىشىچە، گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى ياتقان غۇلجا ناھىيە دۆڭمەھەللىدىكى ئاياللار لاگېرىدا تۇتقۇنلار ياتاق بىناسىدىن دەرسخانىغا ساقچىلار تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ چىقىلغان؛ ئۇلار دەرسخانىدا 14 سائەت ئارقىمۇ-ئارقىدىن «دەرس» ئالغان ۋە 3 ۋاق تامىقى دەرسخانىدا بېرىلگەن. تۇتقۇنلار بۇ 14 سائەت ئىچىدە پەقەت بىر ياكى ئىككى قېتىملا تەنەپپۇس قىلغان. بۇ تەنەپپۇستا، 50 ئوقۇغۇچىغا ئىككى مىنۇتتىن ھاجەت قىلىش ۋاقتى بېرىلگەن. 14 سائەتلىك دەرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن، يەنە تىزىلدۇرۇلۇپ ياتىقىغا نازارەت ئاستىدا ئەكېلىنگەن بۇ تۇتقۇنلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەنە خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە سېلىنغان. تۇتقۇنلارنىڭ سىنىپتىمۇ، ياتاقتىمۇ ئۆزئارا سۆزلىشىشىگە يول قويۇلمىغان. ئۇلار بۇ تىنىمسىز ئېغىر بېسىم ۋە خورلاشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يىغلىسا تەنقىدلەنگەن ۋە ئورنى يۆتكىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ تەھدىت سېلىنغان.

لاگېردا ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئەمەس، ئەركىن خىيال قىلىشقىمۇ رۇخسەت بېرىلمىگەن بۇ تۇتقۇنلارغا، دائىرىلەر نېمىشقىدۇر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم يىغلىۋېلىش پۇرسىتى بەرگەن. يىغلاش سائىتى يېرىم سائەتتىن 2 سائەتكىچە بېكىتىلگەن.

يىغلاش سائىتىدە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساقچىلار ئۇلارغا يىغلاش رۇخسىتىنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە نەق مەيداندا نازارەت قىلىنىپ تۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردا كۆپ قېتىم ئۆزى تۇتالماي كۆز يېشى قىلغان گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى، يىغلاش سائىتىدە يىغلىيالمىغان؛ ئەكسىچە دائىرىلەرنىڭ يىغلاش رۇخسەتنامىسىدىن ھاقارەت ھېس قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىلىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن؛ ئۇنىڭ بىر جازا لاگېرى ئەمەس، پەقەتلا بىر ياتاقلىق مەكتەپ ئىكەنلىكىنى؛ ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ دۆلەت تىلى ۋە قانۇن ئۆگىنىشتىن باشقا، كەسىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئۆگىنىشتىن رازى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.