ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 27 - نويابىردىن 3- دېكابىر)ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرىخەلقارا خەۋەرلەر


2004.12.03

ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرى

قەيسەر ئابدۇرۇسۇل شىۋىتسىيىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە يېڭىلىقلار يۈز بەرمەكتە. 28-نويابىر كۈنى شىۋىتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسامى ھەم ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتى تەتقىقاتچىسى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىغا بېغىشلىغان رەسىملىرىنىڭ كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرغان. مۇراسىمنىڭ باشلىنىشىغا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، قەيسەر ئابدۇرۇسۇل زىيارەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي مۇساپىلىرى ھەمدە مەدەنىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويغان رەسىملىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ياۋروپا مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مىڭ ئۆي رەسىملىرىنى قايتا كۆچۈرۈپ سىزىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۈلگىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، مەزكۇر ياش رەسسام قەيسەرنىڭ 11-قېتىملىق كۆرگەزمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى مائارىپ ساھەسىدىكى ئىدېئولىگىيىلىك تەربىيىنى كۈچەيتتى

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئان مائارىپ ساھەسىدىكى ئىدىئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. 29-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاڭ ۋە ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋاڭ لېچۈئان "مائارىپ ساھەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئىدىيىۋى تەربىيىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش" كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالى مائارىپ ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش بىلەن خىتاي تىلىدىكى مائارىپنى كۈچەيتىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆز ئانا تىلىدا شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە؛ بۇنىڭ بىلەن قارشىلىقلارنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقانلىقىنى سەزگەن خىتاي دائىرىلىرى مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاتالمىش ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالى مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتاي تىلدا دەرسنى ئۆتۈشنى يولغا قويىدۇ

خىتاي ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوم پارتىيە كومىتېتى كېلەر يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالى مەكتەپلەردە دەرسلەرنى پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇشنى قارار قىلغان. بۇ بەلگىلىمىدە پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل –ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 2002-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ھەتتا ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىمۇ خىتاي تىلىدا سۆزلىنىشى تەلەپ قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلىدا ھەر قايسى پەنلەرنى ئۆتۈشنىڭ تەخمىنەن 70 يىللىق تارىخى بار ئىدى.

ئۇيغۇرلار يەنە ئەيدىزنىڭ ھۇجۇمىغىمۇ ئۇچرىماقتا

1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى بولۇپ، ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ھازىر پۈتۈن دۇنيا بويىچە 45 مىليون كىشى ئەيدىز مىكروپى بىلەن يۇقۇملانغان. پەقەت ئاسىيا قىت`ئەسىدىلا 540 مىڭ ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن. خىتاي مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا 1995-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى سېزىلگەندىن تارتىپ، ھازىرغىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان.

لېكىن ،ئەيدىز مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ ساننىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بەلكى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 90 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلانىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل تەھلىل قىلىنماقتا. ئىلگىرى غۇلجىدا ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن ھازىر، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ، ئەيدىزنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى قوللانمىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالايدىغان مەخسۇس ئورۇنلارنى قۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

Google نىڭ ئېنگىلىزچە خەۋەر تورى قامال قىلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىدە ئىنتېرنېت ئىزدەش تور بېتى ھېسابلىنىدىغان Google نىڭ ئېنگىلىز تىلىدىكى خەۋەر تورىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باش شىتابى پارىجزدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي دائىرلىرى يەنە مەزكۇر تور بېتىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تېپىشنىمۇ قامال قىلىۋەتكەن ئىدى.

خەلقارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا خىتاينى ئەيىبلىمەكتە

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى 3 خىتاي شىركىتى ۋە بىر خىتاي پۇقراسىنى ئامېرىكىنىڭ قورال ماتېرىياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بويۇملارنى ۋە تېخنىكىلارنى ئىرانغا ساتماسلىق چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىش ھەمدە ئېكىسپورت رەسمىيىتى تەلەپ قىلىدىغان ئامېرىكا ماللىرىنى سېتىۋېلىشنى ئىككى يىلغىچە چەكلەش جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالانغان خىتاي شىركىتى ۋە پۇقراسى 28 گە يەتكەن. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خېنري ھايد خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە ۋە ئىراندىكى يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بېيجىڭنى ئەيىبلىدى.

موسكۋا دالاي لاماغا ۋىزا بەردى

ئۆتكەن ھەپتىدە تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلدى. ئىلگىرى دالاي لامانىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتنى زىيارەت قىلىشىغا خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن يول قويمىغان رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم دالايغا ۋىزا بېرىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. موسكۋانىڭ بۇ ھەركىتىنى تەھلىل قىلغان ئانالىزچىلار رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىم خىتاي بىلەن كارى بولماستىن دالاينىڭ قالماقىستاننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى رۇسىيە –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە بىر ئۆزگىرىشلەرنىڭ بۆلۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن دەپ تەھلىل قىلماقتا.

چېن شۈيبيان تەيۋەن ئاساسىي قانۇنى ھەققىدە توختالدى

تەيۋەن پرىزدېنتى چېن شۈيبيان ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا كاپالەت بېرىپ، تەيۋەننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ھەرگىزمۇ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باغدادتىكى پارتلاش

3-ئۆكتەبىر كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى بىر شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەچىتىدە ۋە بىر ساقچى ئىدارىسى يېنىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 26 ئادەم ئۆلگەن 19 ئادەم يارىدار بولغان. كۈزەتكۈچىلەر بۇنى شىيە مۇسۇلمانلىرى بىلەن سۈننىي مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەركەت بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.