ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24- دېكابىر)ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرىقىسقىچە خەلقارا خەۋەرلەر
2004.12.24
ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرى
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن خاتىرىلەندى
بۇ يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پېشىۋاسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 9 يىل توشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت-ھەمكارلىق جەمىيىتى تۈركىيىدىكى چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىڭە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت ئۇيۇشتۇردى ھەمدە ئەنقەرەدىكى كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان" ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ –جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى سائادەتتىن گۈمەن ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ پائالىيەتلىرىگە باھا بېرىپ، ئۇنىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈردى.
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ۋاپات بولدى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا سەنئىتى زور يوقىتىشقا ئۇچرىدى، "تەمبۇر شاھى" دەپ ئاتىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن 19-دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن بىۋاقىت ئالەمدىن ئۆتتى.
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەمبۇر چالغۇچىلىقىنىڭ پېشىۋاسى ھۈسەنجان جامىنىڭ شاگىرتى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى ۋە تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا سەھنىسىدىكى بىر يورۇق چولپان سۈپىتىدە پارلىغان ئىدى.
نۇر مۇھەممەد تۇرسۇن مۇزىكا ساھەسىدىلا داڭلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ تەمبۇر كېچىلىكىنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ھەيدىلىشى بىلەنمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان ئىدى. بۇ ۋەقەنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان "ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بولگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپارتىيە كومىتېتىنىڭ سىياسىي زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئاساس بولغانلىقى ئۇيغۇر ۋە خەلقارالىق كۈزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمنىڭ يۈرىكى ئەشۇ تەمبۇر كېچىلىكىدىن كېيىن، كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ جەمىيەتتىكى كۆپلىگەن غۇل-غۇلىلارغا ئاساس بولغان.
ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا –مۇزىكىلىرى، كۈلكە-چاخچاقلىرى، لەتىپە-يومۇرلىرىدىن تارتىپ، بارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلىرىدە بىر خىل غەمكىنلىك، ئۈمىتسىزلىنىش، دوق قىلىش ۋە شىكايەت ھەم نەپرەتلىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ۋە ئوبزورچىلىرىنىڭ قەلەملىرىدىلا كۆرسىتىلىپ قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى تۇنجى كۆرگەن غەرىپلىكلەرنىڭمۇ دىققەتىگە چۈشمەكتە.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش نەتىجىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ماقالە يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىلىق جۇرنالىست تېد رول ئەپەندى مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر كۆرۈش بىلەنلا ئۇلاردىكى خاپىلىق ۋە نارازىلىقلارنى سېزىۋالغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە دېگۈدەك قىسىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان.
"ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن خاپىلىق ۋە نارازىلىق چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ماڭا تولىمۇ پاجىئەلىك تۇيۇلدى.خىتاي ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى يامان قىلدى. بۇ بىر رەزىللىك، بۇ پۈتۈنلەي خاتا، راست گېپىمنى ئېيتسام، ئۇيغۇرلار مەندىن قەيسەركەن، مېنىڭ مۇنداق بېسىمغا چىداپ تۇرالىشىمغا كۆزۈم يەتمەيدۇ" دەيدۇ تېد ئول ئەپەندى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتىيىنى چەكلىدى
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق جەمىيىتى يەنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك مىللەتلەر كومىتېتىغا تەۋە رەسمى ئاممىۋى تەشكىلات "ئىتتىپاق" نىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، يېڭى رەئىس ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك ھەيىتىنى سايلاپ چىقماقچى ئىدى. لېكىن، قىرغىزىستان دائىرلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ قۇرۇلتاينى ئېچىشنى توختىتىپ قويغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب "بۇ ئىش قىرغىزىستانغا ياردەم بېرىۋاتقان خىتايدا خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىنمىش". بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئىشتىن بىئارام بولغانلىقى مەلۇم، بۇ پىكىرلەرنى "ئىتتىپاق" مەركىزى كومىتېت ئەزاسى رەھىمجان ھاپىزوپ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويدى.
قىسقىچە خەلقارا خەۋەرلەر
خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى، لۇ زھۇۋ شەھىرىدىكى بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىمىيە سانائەت زاۋۇتىنىڭ بەش مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، زاۋۇت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى سەۋەبىدىن، زاۋۇتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىنىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى لايىھىسى" نى يولغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ،"خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى تەيۋەڭە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس سېلىشقا ئۇرۇنغانلىق" دەپ كۆرسەتتى.
ئۆتكەن ھەپتىدە ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بېرىپ 22 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپ سانلىقنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىگىلىگەن. بۇ ۋەقە ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك غۇل-غۇلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇمەسفېلد ئىراققا بېرىپ، جەڭچىلەردىن ھال سورىغان.
25-دېكابىر دۇنيا يۈزىدە خرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ "روجدېستۋو" بايرىمى كۈنى بولۇپ، پۈتۈن خرىستىيان دۇنياسى ئەيسا ئەلەيھىسالامغا بېغىشلانغان بۇ بايرىمىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئامەرىكىنىڭ تەيۋەندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ رولىنى ئۆتەۋاتقان تەيۋەن ئامېرىكا ئىنستىتۇتىغا يېڭى بىر بىنا سېلىش ئۈچۈن تەيبېيدىكى بىر جاينى 99 يىللىق ئىجارىگە ئالغان. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان شۇنىڭدەك كۈزەتكۈچىلەر بۇنى تەيۋەن-ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى زور بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، مۇھىم ۋەقە دەپ تەھلىل قىلىشماقتا.
ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسايىن نازۇكلىشىۋاتقانلىقى خەلقارا كۈزەتكۈچىلەر تەرىپىدى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا توكيو شەھرىنىڭ باشلىقى شىنتارۇ ئىشىخارا ئەپەندى يەكشەنبە كۈنى خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئۆزىگە قارشى كەيپىياتلارنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن ياپونىيىنى بىر ”دۈشمەن" ئوبراز قىلىپ يارىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق تەيۋەن پرىدېنتى لى دوڭخۇيغا ۋىزا بەرگەنلىكى بىلەن خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىراز جىددىلىشىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھازىر ياپونىيىدىكى خىتايغا دوستانە مۇئامىلىدە بولغۇچىلارنىڭ نىسبىتى كۈنسايىن ئازلىغان ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 11-17- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 4- 10دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 27 - نويابىردىن 3- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20- 26 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- 19 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-12 نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 - ئۆكتەبىردىن 5- نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-29 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-22 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-8 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24 سېنتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 4-10 سېنتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-ئاۋغۇستتىن 3- سېنتەبىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-27-ئاۋغۇست)