لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى لوندوندا كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

گۈلباھار خاتىۋاجى لاگېردا ئۆزىگە ئوخشاش زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن ۋىجدانىنىڭ راھەت ئىكەنلىكىنى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىگە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى ب ب س مۇخبىرى ئىبرەت سافو بىلەن كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. سۆھبەت ئۇنىڭ 2021-يىلى نەشىر قىلىنغان «مەن خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدىن قانداق ئامان قالدىم» ناملىق كىتابى ئۈستىدە بولغان. سۆھبەتتە كىتابنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى، يەنى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ مېڭىلىش جەريانى، لاگېر كامېرىدا ئۆزىنىڭ ۋە كامېرداشلىرىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق ۋە تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان.

سۆھبەتتە مۇخبىر، كىتابتىكى بايانلارغا ئاساسەن، گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن چېغىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنى لاگېردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، بولمىسا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېسىگە سالغان. ئاندىن بۇ كىتاب نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە قالغانلىقىنى سورىغان. گۈلباھار خاتىۋاجى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمما لاگېردا ئۆزىگە ئوخشاش زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن ۋىجدانىنىڭ راھەت ئىكەنلىكىنى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىگە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

سۆھبەتكە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەھمۇت تەرجىمانلىق قىلغان. رەھىمە مەھمۇتنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ پائالىيەتكە لوندوندىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتتە «مىراس يىپەك يولى ئۆمىكى» مۇزىكا ئورۇنلىغان، «ئەتلەس ئۇيغۇر رېستورانى» ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن تەمىنلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتنى تۈركلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى لوندون يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى يېقىندىن قوللىغان.