ب د ت بالىلار ھوقۇقى يىغىنىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

يىغىندا دولقۇن ئەيسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىدىن، ئانا تىل مائارىپىدىن ۋە ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشتەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈردى.

نۆۋەتتە جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت نىڭ بالىلار ھوقۇقى يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئاتا-ئانىسى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇ مەھبۇسلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىدىن، ئانا تىل مائارىپىدىن ۋە ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشتەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش داۋامىدا، رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان قەشقەردىكى بىر يەسلىدە ئۇيغۇر بالىلىرىغا چوشقا گۆشى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت نىڭ 63-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بالىلار ھوقۇقى كومىتېتى 103-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ بالىلار ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر كومىتېت خىتاي تاپشۇرغان دوكلاتتىن باشقا، مۇستەقىل ئورگانلاردىن، جۈملىدىن ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىنمۇ خىتايدىكى بالىلار ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 7-ئايدا مەزكۇر كومىتېتقا ئۇيغۇر بالىلار ھوقۇقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس بىر دوكلات تاپشۇرغان ئىدى.