ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر رومانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك مىللەتلىرى فېستىۋالىغا قاتناشتى

مەزكۇر قۇرۇلتاي تۈرك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋە تۈرك مىللەتلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە رومانىيە پايتەختى بۇخارېستتا تۈرك مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قۇرۇلتايغا رومانىيەدىكى تاتارلاردىن باشقا، شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىكى 21 دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشقان. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شائىرە راھىلە كامال، رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى مەدىناي باۋۇدۇن ۋە گېرمانىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئۈمىت خەمىت قاتناشقان.

رومانىيەدىكى تاتار دېموكراتىيە بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، رومانىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ (UNESCO) قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مەدەنىيەت فېستىۋالى قىسمىغا قاتناشقان. راھىلە كامال ئۆزىنىڭ «قايغۇرمايمىز» ناملىق شېئىرىنى، مەدىناي باۋدۇن «قوزغال ئۇيغۇرۇم» قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان.

مەزكۇر قۇرۇلتاي تۈرك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋە تۈرك مىللەتلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات تۇرسۇن ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ نۆۋەتتىكى قىسمىتىنى تونۇشتۇرغان چېغىدا، مەدىناي باۋۇدۇن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىگە جاۋابەن يازغان «يانارىڭ بار» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇغان.