ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1-7- يانۋار)خەلقارا خەۋەرلەر
2005.01.07
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مۇناسىپ ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشمەكتە
قازاقىستان خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتە ئاكتىپلىق كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ مۇناسىپ ياردەملەرنى كۆرسەتمەكتە.
يېقىندا قازاقىستان پرىزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ پەرمان چۈشۈرۈپ، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بىر قىسىم ئارتىستلىرىنى مۇكاپاتلىغان.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى ۋە رېجىسورى مۇھىد تېزىموپقا ئالى "ھۆرمەت"ئوردېنى تەقدىم قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بىلەن بىر قانچە يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ھۆرمەت ئوردېنىنىڭ ئېرىشكۈچىسى مۇھىد ئەپەندى نازاربايېۋنىڭ تىياتىرغا ئۇيغۇر تارىخىي-مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىشلىشىنى دەۋەت قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
"ئۈچ خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىش كۈچەيتىلدى
خىتاي تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە؛ 4-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى يىغىن ئېچىپ، "ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" بىلەن ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى ئۈچ خىل كۈچ مىللىي تېررورچىلىق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنى ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرى، دىنىي ئەركىنلىكى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان ئىكەن.
بىڭتۈەننىڭ كىرىمى راستىنلا شۇنداق يۇقىرىمۇ؟
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېرىم ھەربىي تەشكىلاتى يەنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بويسۇنمايدىغان ئايرىم ھۆكۈمەت دەپ قارىلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كىشى بېشىغا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 11 مىڭ 780 يۈئەنگە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ناھايىتى يۇقىرى سان بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى مىڭ يۈئەنگىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھەربىي دېھقانلىرى ئارىسىدىكى روشەن پەرقنى شەكىللەندۈرگەن. لېكىن، بەزى كۈزەتكۈچىلەر بىڭتۈئاننىڭ بۇ مەلۇماتىغا ئانچە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بىڭتۈەن مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ئاتاقلىق مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچىدىكى خىتايلارنىڭ ئاپتونوم ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىر بىرلىك ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك يەرلىكلەرنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، بىڭتۈەننىڭ بۇ خىل مەلۇماتىنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىنتېرنېت كونترول قىلىنماقتا
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە؛ خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتمەكتە. 2004-يىلى 11-ئايدا ساقچى خادىملىرى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئابدۇۋاھاپ ئابدۇرېيىن قاتارلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنى چەتەللەردىكى تور بەتلىرىنى كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلغان. ھازىر ،ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەل تور بەتلىرىنى كۆرۈشى قاتتىق قامال قىلىنغان.
گۇانتانامودىكى بىر ئۇيغۇر سوتلاندى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي بازىسىدىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەپىرى سوت قىلىنغان. 24 ياشلىق بۇ ئۇيغۇر 2001-يىلى ئامېرىكا قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئافغانىستاندا قولغا چۈسۈرۈلگەن . بۇ ئۇيغۇر ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ تالىبانلار ۋە ئەل قائىدە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆزىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەندە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىد ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇلار ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرى
شىتابى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بالا سانىنى پىلاندىن ئاشۇرىۋەتمىگەنلەرگە ھەر يادا 10 سوم مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ساقلىقنى ساقلاش پۇلى دەپ ئاتىغان. ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە؛ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا 15 مىليون يۈئان پۇل ئاجراتقان شۇنداقلا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى، يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچتىن ئارتۇق پەرزەنت ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يۇقىرىدىكى تەلەپلەرگە بوي سۇنغانلارغا 10 سوم ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئۇيغۇر ئېلىدە 9- بەش يىللىق پىلاندىن تاكى 2003-يىلىغىچە ئۈچ مىليون ئادەمنىڭ كەم تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تېخىمۇ كۆپ نېفىت قېزىۋېلىندى
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا خىتاي 2004-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا 22 مىليون 600 مىڭ توننا نېفىت قېزىۋالغان. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارىختىكى ئەڭ كۆپ نېفىت قېزىۋالغان بىر يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ھازىر خىتاي نېفىت شىركەتلىرى نېفىت ئېلىشنى كۈنسايىن جىددىلەشتۈرمەكتە
فىنلاندىيە قەشقەردىكى تىببىي خادىملارنى تەربىيىلىمەكتە
فىنلاندىيىدىكى بىر خەلقارالىق تەشكىلات ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، چارشەنبە كۈنى يوپۇرغا ناھىيىسىدە يېزا تىببىي خادىملىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتى. فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر خەلقارالىق تەشكىلاتىنىڭ قەشقەر رايونىدا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش پروگراممىسى 2003-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى تىببىي خادىملارنى تەربىيىلەش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خىتاي تۈرمە قانۇنىغا 10 يىل بولدى
يېقىندا خىتاي تۈرمە قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەنگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە؛ بۇ قانۇننىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىدا كۆرگەزمە ۋە تۈرمە سىياسىتى تەشۋىقاتى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. ئانداقتا، خىتايدىكى تۈرمىلەردىكى ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ياخشىلاندىمۇ؟ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەھۋاللار قانداق؟ بۇ ھەقتە ئىلگىرى سىياسىي سەۋەبتىن تۈرمىدە ياتقان شاۋكەت ئەپەندى شۇندالا ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدە ساقچى بولغان بەختىيار ئەپەندىلەر خىتايدىكى تۈرمىلەردە قىيناش ۋە جازالاش تۈرلىرىنىڭ كۆپ ھەم قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
خەلقارا خەۋەرلەر
سۇنامى دەپ ئاتالغان دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرى دۇنيا يۈزىدە ئەۋجى ئالماقتا. ئامېرىكا قاتارلىق غەرىب مەملىكەتلىرى ئاكتىپ ياردەملەرنى كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ئۆتكەن ھەپتىدە ئاپەتكە ئېغىر دەرجىدە ئۇچرىغان ھىندونېزىيە، سىرلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورىغان.
ئامېرىكا ھازىرغىچە ئىقتىسادىي ياردەملەردىن سىرت يەنە ئاپەت رايونىغا 45 دانە تىك ئۇچار ئايروپلان،15 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىدىن تەشكىللەنگەن ياردەم گۇرۇپپىسى شۇنداقلا ئىككى ھەربىي پاراخوت ئەترىتى چىقارغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم مەملىكەتلەر سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە قازاغا ئۇچرىغانلارغا ماتەم بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا خىتاي دائىرىلىرى تۈزگەن "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇن" نى مۇزاكىرە قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رىچارد ئەرمىتاج خىتاينى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يولى ئارقىلىق تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان. "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" ئەمەلىيەتتە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا پاكىستان دائىرلىرى خىتاي قۇرۇلۇش خادىملىرىنى قوغداشنى كۈچەيتتى. پاكىستان دائىرىلىرى ساقچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن.
دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھرىدە يىغىن ئېچىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە بېرىدىغان ياردەمنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بدت باش سېكرىتارى كوفى ئاننان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەدە قىلغان ياردەم سوممىلىرىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ھازىر ئېلان قىلىنغان ياردەم سوممىلىرى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 25-31- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 11-17- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 4- 10دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 27 - نويابىردىن 3- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20- 26 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- 19 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-12 نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 - ئۆكتەبىردىن 5- نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-29 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-22 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-8 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24 سېنتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 4-10 سېنتەبىر)