ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21 - يانۋار)


2005.01.21

ئۇيغۇر دىيارىدىكى پارتلاشلار

قۇربان ھېيتى يېتىپ كېلىپ، ھەممە مۇسۇلمانلار شاتلىققا چۆمۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە 20-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مايتاغ بىلەن شىخو ئارىسىدىكى چوڭ يولدا كېتىۋاتقان بىر مىنىبۇس پارتلاپ، 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىلغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىچىك تىپتىكى ئاپتوبۇس پەيشەنبە كۈنى چۈش سائەت 1:30 ئۆتكەندە پارتلىغان بولۇپ، 8 كىشى نەق مەيداندا ،تۆت كىشى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا قازا قىلغۇچىلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوخشاش بىر كۈندە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەنشىخاڭزا رايونىدىكى ئاۋات بازاردا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ پارتلاشنىڭ يول ئاستىغا ياتقۇزۇلغان گاز تۇرۇبىسىدىن گاز قېچىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يولدا كېتىۋاتقان ئىككى كىشى قازا قىلغان بىر قانچە كىشى يارىلانغان.

ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى

قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ھېيت بىلەن قۇتلۇقلاپ سالام يوللىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە باشقا ئەربابلار ۋەتەننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدى.

يەنە ئۈچ نەپەر خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇئاۋىن رەئىس بولدى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئاخىرلىشىپ، يەنە ئۈچ نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە بېكىتىلىش بىلەن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن ئاشۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئۈچ مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ئىككى نەپىرى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇرتدېشى بولۇپ، ئۇلار شەندوڭ ئۆلكىسىدىن ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتەللەردىكى كۈزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۈزگەن ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى ھوقۇقلارنى ئاساسىي جەھەتتىن خىتايلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىۋاتقانلىقىنى، ھەر قايسى نازارەت ۋە ئورگانلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى خىتايلار ئىگىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت پروگرامما كۆرسىتىلدى

تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ت ر ت دا 17-يانۋار كۈنى"مەرھابا دۇنيا" سەھىپىسى بويىچە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئائىت پروگرامما تونۇشتۇرۇلدى. تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇشتۇرىلىشى زور بىر يېڭىلىق بولۇپ، بۇ تېخىمۇ كۆپ تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چۈشىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

ئامېرىكىدا پرىزدېنتىنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلدى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا پرىزدېنتى جېئورجى بۇشنىڭ 2- قېتىملىق پرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋېلىش قەسەمياد مۇراسىمى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزىلدى. 500 مىننغا يېقىن ئادەم قاتناشتى دەپ قارىلىۋاتقان بۇ مۇراسىمدا بۇش ئىنجىلغا سول قولىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ باشلىقىغا رەسمى قەسەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا خەلقىغە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇش يەنە قىسقىچە نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇددىئاسى ھەققىدە توختالدى . ئامېرىكىنىڭ 43-نۆۋەتلىك پرىزدېنتى ھېسابلىنىدىغان جېئورجى بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ساقچىلار، بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىشقا سېلىنىپ، مۇراسىمنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

جاۋ زىياڭغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاينىڭ 1989-يىلىدىكى تيانانمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىن قالدۇرۇلۇپ، نەزەربەند قىلىنغان سابىق خىتاي دۆلەت رەھبىرى جاۋ زىياڭ ئۆلگەندىن كېيىن، خەلقارا يۈزىدە زور غۇل-غۇلىلار شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا نىسبەتەن باھالار ئېلان قىلىندى. خىتاي دائىرلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن دەپن مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق ۋاقتى ھەم شەكلى ھەققىدە ھېچ نېمە دېمىدى. خىتاي دېموكراتلىرى جياۋ زىياڭنىڭ دېموكراتىيىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ يەنىلا بىر خىتاي مىللەتچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى باستۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت مەخسۇس توختالدى.

سەككىز خىتاي ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىندى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئىراقتا سەككىز نەپەر خىتاي ئىشچىسى ئىراقتىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى. 21- يانۋار كۈنى تارقىتىلغان بىر كاسېتىدا قوراللىق ئادەملەر" خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرىنى ئىراققا ئەۋەتمەسلىك ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش "نى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھازىرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرچە ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق ،لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنى ئىراققا بارماسلىققا دەۋەت قىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.