ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28 - يانۋار)


2005.01.28

ئامېرىكا خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

چارشەنبە يەنى 26- يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن رابىيە قادىرغا رافتو مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، سۆز قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسۇل مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راندى شرەۋد &# xFEE9;ر ئەپەندى مۇنداق دېدى؛

"ئامېرىكا رابىيە قادىر مەسىلىسى شۇنداقلا باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، كىشىلىك ھوقۇق خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى".

بۇ مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس شۇنداقلا پرىزدېنت بۇشقا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشكە قىستىشىنى تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ مۇراسىمدا يەنە خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ت. كۇمار "پرىزدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بار، چۈنكى رابىيە قادىر 1999-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشقا بارغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان " دېدى.

رافتو مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بۇ قېتىملىق مۇراسىم نورۋېگىيىدىكى رافتو فوندى جەمىيىتى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكى قاتارلىق ئورگانلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ سىياسەت ۋە ئىنسان ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئەربابلار، دۆلەت رەھبىرى خادىملىرى، پروفېسسورلار ھەم باشقىلار قاتناشتى.

مۇراسىم ناھايىتى داغدۇغىلىق ۋە تەسىرلىك ئۆتكەن بولۇپ، رافتو فوندى جەمىيىتىنىڭ مەسۇلى، رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى شۇنىڭدەك يەنە ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز " ناملىق شېئىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا تەدبىقلىدى.

مۇراسىم يىغىنىدا يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان كىشىلەردىن باشقا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دېموكراتىيە ئىشلىرىغا مەسۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورن كراينېر ۋە باشقا ئىككى نەپەر دۆ &# xFEDF;ەت مەجلىسى ئەزاسى، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەلچىسى ۋە باشقىلار سۆز قىلدى.

بۇ مۇراسىمدا رابىيە قادىرغا بېرىلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھەم نورۋىگىيە ھۆكۈمەتلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

رافتو فوندى جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا

رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلگەن رافتو مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە ئامېرىكىغا كەلگەن رافتو فوندى جەمىيىتىنىڭ 6 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى چۈشتە ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىغا كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

رافتو فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئارنىي لىڭار ئەپەندى مۇنداق دېدى؛

" بىز رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمىزغا ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، بىز ئۆتكەن يىلى نويابىردا نورۋىگىيىگە بېرىپ، رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ئۇنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. بىراق، شارائىت يار بەرمىگەنلىكتىن، بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇڭا بىز ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە رابىيە قادىر خانىمغا رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى قايتا ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. جەمىيىتىمىز مۇكاپات بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ بىر باشلىنىش، بىز داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز".

رافتو فوندى جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى يەنە مەزكۇر جەمىيەتنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ ۋاشىڭتوننىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا پرىزدېنتى جورجى بۇش چارشەنبە كۈنى خىتاي رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىمۇ ئۆتكەن ھەپتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بىر توسالغۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلمىغىچە ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدېشى بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ب د ت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا يىغىن ئېچىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلىق مەسىلە دەپ قارالماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى بىرلىشىپ، ئوتتۇرا بىر قىسىم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.