ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-11-فېۋرال)
2005.02.11
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى "5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە ساقچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ياد ئېتىش" دېگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ تېخى ھازىرغىچە، ساقچىلارنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلمايۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ساقچى قىسىملىرى غۇلجىدا يۈز بەرگەن تېچلىق نامايىشىنى ۋەھشىلەرچە باستۇرۇپ، نەچچە ئونلىغان ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئېغىر يارىلاندۇرغان. يۈزلەپ كىشى ئەتىسىدىكى نامايىشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى ئېغىر يارىلانغان. زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر نامايىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان. بۇ ۋەقە بىلەن تۇتۇلۇپ ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ سانى مەلۇم ئەمەس.
نۇرمۇھەممەد ياسىنغا 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى
ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ، "كۆك كەپتەر " ناملىق ئەسىرى ئۈچۈن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلدى دەپ قارىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرمۇھەممەد ياسىن بۇ ھۆكۈمگە رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغان.
مارالبېشى ناھىيىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ يازغۇچىنىڭ سوتىنىڭ يېپىق ھالدا ئېچىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى
ئۆتكەن ھەپتىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندوندا خەلقارا كەچۈرۈم تەھشكىلاتى بىلەن ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، غۇلجا ۋەقەسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىنمۇ ئىشتىراك قىلىپ، سۆز قىلدى.
قەشقەردىكى كوچا ناملىرى ئۆزگەرتىلگەن
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەردىكى يەرلىك دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە قارار چىقىرىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى 17 ئاساسلىق كوچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە؛ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن كوچىلارنىڭ 12 سىگە خىتايچە ئىسىم قويۇلغان ، قالغان بەش كوچىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىسىم قويۇلغان. لېكىن، ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرلار كۆپ ياشىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ۋە قەدىمىي پايتەختى ھېسابلانغان بۇ شەھەرگە خىتايچە كوچا ئىسىملىرىنى قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئامالسىز قالغان.
خىتاي مايتاغنى نېفىت بازىسى قىلماقچى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مايتاغ شەھىرىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. بۇنداق نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى ھازىر ئىش باشلىغان بولۇپ، بۇ 2008-يىلى پۈتىدىكەن.
غەرب ئالىمىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئېيتقانلىرى
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىشى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رولىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەش ھېسسىياتلىرىمۇ ئاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى چەت ئەل ئالىملىرى ۋە كۈزەتكۈچىلىرىنىڭمۇ ئىنكاسلىرىنى قوزغىماقتا. ئەنگىلىيىدىكى دۇرخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى پروفېسسور مايكىل دىلون ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇنداق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
" خىتاي تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار خىتايچىنى بىلمىسە بولمايدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقىي قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلسا توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەن دەۋاتقان قوش تىلل مائارىپ، ئۇيغۇرلارلا خىتايچە ئۆگىنىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان خىتايلارمۇ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى كېرەك شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دەرسلىرى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرىۋېتىلمەستىن، بەلكى خىتايچە پەقەت بىر تىل سۈپىتىدە ئۆگىتىلىشى كېرەك. مەن ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭدىن سىرت يەنە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ چەتەل تىلىدىكى كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ."
قىسقا خەلقارا خەۋەرلەر
; ; ♦ ; سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم سايلام ئېلىپ بېرىلدى. پايتەخت رىياددىكى كىشىلەر تۇنجى قېتىم شەھەرلىك كېڭەش ئەزالىرى سايلىمى ئېلىپ باردى. بىراق، بۇ سايلامدا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار 600 مىڭ ئادەمنىڭ ئاران 149 مىڭى بېلەت تاشلىغان. بۇ قېتىم يەنە ئاياللارنىڭ سايلاشقا قاتنىشىشى چەكلەنگەن.
; ; ♦ ; شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى ھەمدە شىمالىي كورېيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان ئالتە تەرەپ يىغىنىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مەسىلە ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ جىددىي ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.
; ; ♦ ; قازاقىستان دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بىر قانچە مەزگىل ئىلگىرى "موسكۋا ساداسى" رادىئوسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، قازاقلارنىڭ تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋلادىمىر ژرونوۋسكىينى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ، موسكۋا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. رۇس مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمىغا مەنسۇپ جرونوۋسكىي تارىختا قازاقىستان دەپ ئاتالغان دۆلەتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە يەنە" قازاقلارنىڭ ئەدەبىياتى، تىلى ھەتتا ھېچنېمىسى يوق" دېگەن. بۇ قازاقلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.
; ; ♦ ; پەيشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ئايرودرومىغا تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپلانىدا كەلگەن يۈكلەر ئىچىدە بىر خالتىدىن زەھەرلىك گاز بايقالغان. ئايرودروم ئىشچىلىرىدا باش ئاغرىش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش ئالەمەتلىرى كۆرۈلگەن. تۈركىيە دۆلەتلىك تېلىۋىزىيىسىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە بۇ خالتا خىتايدىن تۈركىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يوللانغان ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئايرودرومدا جىددىي ھالەت ئېلىپ بېرىلغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - يانۋار - 4-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28 - يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21 - يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-14يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1-7- يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 25-31- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 11-17- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 4- 10دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 27 - نويابىردىن 3- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20- 26 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- 19 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-12 نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 - ئۆكتەبىردىن 5- نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-29 ئۆكتەبىر)