ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12- 18- مارت)


2005-03-18
Share

رابىيە قادىر ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى

ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە جامائەت پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن 17-ئاپرېل كۈنى كەچ سائەت 5 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ، چىكاگو شەھىرىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بارلىق ئۇرۇق-تۇققان، دوست يارەنلىرى ھەم خەلقىغە خىتاپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا ماڭدۇرىۋېتىلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى بالىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا ئەھۋالنى ئېيتالمىغان ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى قويۇپ بېرىش سەۋەبىنىڭ قانداقتۇر، ئۇلارنىڭ كەڭچىللىك قىلغانلىقى ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غەلبىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىرنى كۈتۈۋالدى

17-ئاپرېل كۈنى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيا، ماريلاند شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىق ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئادەم رېگان خەلقارالىق ئايرودرومىدا رابىيە قادىرنى قارشى ئالدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايراقچىلىرى ۋە گۈللەرنى كۆتەرگەن كىشىلەر رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكىنىڭ مەخسۇس ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشتىن چىقىشىغا گۈلدۈراس ئالقىشلارنى ياڭرىتىشتى ھەمدە "رابىيە قادىر!، رابىيە قادىر!" دەپ توۋلىشىپ، ئۆز قىزغىنلىقلىرىنى ۋە ھۆرمەتلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

رابىيە قادىر نەق مەيداندا نەچچىلىگەن خەلقارالىق چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئاجايىپ يۇقىرى ھاياجانلىق مەنزىرە خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى، تەسىرلەنگەن ئۇيغۇرلار كۆز ياشلىرىنى ئاقتۇرۇپ، رابىيە قادىرغا ئۆزلىرىنى ئېتىشىپ، خۇددى ئۆز ئانىسىنى كۆرگەندەك قۇچاقلاشتى.

رابىيە قادىر ھەققىدىكى ئىنكاسلار

رابىيە قادىرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇردى.

ئاق ساراي باياناتچىسى سكوت ماكەلەن "بىز رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قارشى ئالىمىز، گەرچە خىتايدا بۇ جەھەتتە بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىمىز" دېدى.

ئۇزۇندىن بۇيان ئىنسان ھوقۇقى ۋە رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشىنىڭ مەسىلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېخى تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقىنى شەرھىلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك رابىيە قادىرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، ساق-سالامەت ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ۋە قىزغىن خەۋەر بولۇپ ھېساپلاندى. ئامېرىكىدىكى "ۋاشىنگتون پوچتىسى." ۋاشىنگتون ۋاقتى" قاتارلىق نەچچىلىگەن ئاتاقلىق گېزىتلار ھەمدە "س ن ن " قاتارلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئۇچۇر تارقاتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ب ب س، رويتېرىس ۋە باشقا خەلقارالىق ئاگېنتلىقلار ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىمۇ رابىيە قادىرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالىلارنى باستى.

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەش لايىھىسىنى سۇنمايدۇ

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئامېرىكا جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەيىبلەش لايىھىسىنى سۇنماسلىقنى قارار قىلغان. بىراق، مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى"غا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت يەن ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەخسۇس خادىم تەيىنلەپ، خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" ۋە تەيۋەڭە قاراتقان ھەربىي تەھدىدىنى كۈچەيتىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشكە چاقىرغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت