ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26- مارتتىن 1- ئاپرىلغىچە)
2005.04.01
خەلقارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلار كۆپەيمەكتە
ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ئامېرىكىنى ئاساس قىلغان غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلار كۆپەيدى. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلار ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى خاۋايى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى درۇ گلادنېي يالە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى لىللا ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق گېزىتلارنىڭ بىرى "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى سانىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە مەخسۇس بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بايان قىلىنغان.
بۇ ماقالىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي تۈرمىسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ يېتىۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا " ئامېرىكىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتناشماسلىق " ھەققىدە تەھدىد سالغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۆتكەن ھەپتىدە يەنە ئەنگلىزچە چىقىدىغان " ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتىدە ن. ت. تارىمىنىڭ بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدا قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى، سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بەرگەنلىكى، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە يول قويۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن.
رابىيە قادىر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى
رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، رادىئو باشلىقىلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى مەقسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيىنى 7 مىليون دوللار بولغان
24-مارت كۈنى يۈز بەرگەن بىشكەكتىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابى نەتىجىسىدە ئەسقەر ئاقايېۋ ھاكىمىيىتى يىمىرىلىپ، ھۆكۈمەت دېموكراتىك ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئاخشىمى بىشكەك شەھرىدە بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، شەھەر مەركىزىدىكى كۆپلىگەن ماگازىنلار، سودا سارايلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا بازىرى "مەدىنە"مۇ بۇلانغان ھەمدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
مەزكۇر بازاردا سودا قىلىدىغانلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن تىجارەتچىلەر بولۇپ، تۆت مىڭ ئەتراپىدىكى بۇلاڭچىلار بازارغا بېسىپ كىرىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنى ئۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى بۇلىغان.10 نەچچە ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.. مەدىنە بازىرىنىڭ خوجايىننىڭ ئېيتىشىچە؛ ئومۇمىي زىيان 7 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى "دۆلەتلەردىكى 2004-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش "دوكلاتنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يەنىلا ناچار بولۇپ، خىتاينىڭ "تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش" تىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەن قىلىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئەھۋالىنى ياخشىلاش پروگراممىسى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى 13 مىليون دوللار ئاجراتقان. بۇ يىل يەن 19 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتماقچى ئىكەن.
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئاقايېۋنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلماقچى
ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ موسكۋادا پاناھلانغانىدىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرى ئاقايېۋنىڭ قايتىپ كېلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرسە ، ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ، ئاقايېۋ ئۆزىنىڭ يەنىلا قانۇنلۇق پرېزىدېنت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى قىرغىزىستان رەھبىرى قۇرمانبېك باقىيېۋ بىلەن ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە باشقا مەسىلىلەردە ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن، بىراق قۇرمانبېك ئاقايېۋنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن بۇ دۆلەتتە يېڭى مۇقىمسىزلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ھىندونېزىيىدە يەر تەۋرىدى
ھىندونېزىيىنىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدە دۈشەنبە كۈنى كەچتە 8.7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان.
ھىندونېزىيە تېخى ئۆتكەندىلا سۇنامى دەپ ئاتالغان دېڭىز دولقۇنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاپىتى ناھايىتى زور بولغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19- 25- مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12- 18- مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-12- مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-فېبرال - 4-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-25-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-18- فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-11-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - يانۋار - 4-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28 - يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21 - يانۋار)