ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30- ئاپرىل 6-ماي)


2005.05.06

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خەلقارا يىغىندا

4-ماي كۈنى ئىتالىيىنىڭ تاغلىق رېتا شەھىرىدە ئىتالىيە رېتى مۇھاجىرلار جەمىيىتى، ئىتالىيە تەنھەرىكەتچىلەر بىرلەشمىسى، فىنلاندىيە قىزىل كرېست جەمىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئالتە تەشكىلات بىرلىشىپ، "توساقلاردىن ئۆتۈش" دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان. بۇ پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشقا قاراپ يۈزلەندۈرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىلدى

تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە 30-ئاپرېل ۋە 1-ماي كۈنلىرى تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق جەمىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلىشىپ، "شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى" دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان. بۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە پەخرى رەئىسى گېنېرال رېزا بېكىن قاتارلىقلار ھەمدە يەنە تۇركىيىنىڭ ئاتاقلىق سىياسىيونلىرى، جەمىيەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلىپ، سۆز قىلغان.

يىغىندا ئەنگىلىيىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى، " خىتاينىڭ غەربىدىكى ۋەھشى ئۆلكە" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى كرىستىيان تەيلەر ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي "دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.

قىرغىزىستان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئېنىقلىماقچى

قىرغىزىستان ئەدلىيە ئورگىنىڭ باشلىقى ئۆتكەن ھەپتىدە قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستاننىڭ نارېن ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئېلىغا ماڭغان ئاپتوبۇسنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى داۋاملىق ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان ئەدلىيە خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئاپتوبۇستىكى 19 جەسەت ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپ، خىتاي شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى يوق ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلۈش ئېلىپ بېرىلمىغان بولۇپ، ئاقايېۋ ھۆكۈمىتى كونا ئادىتى بويىچە بۇ ئاپتوبۇسنى ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. قىرغىزىستان دائىرىلىرى بېشكەكتە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ سىرلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

تەيۋەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسى رەھبىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان

تەيۋەندىكى "خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسى" نىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈ خىتاينى زىيارەت قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن شىئەن قاتارلىق جايلاردا بولغاندىن كېيىن، يەنە بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىشنى ئالدىن پىلان قىلغان. سوڭ چۇيۈ، خائۇڭ خې دەرياسى بويىدىكى خىتايلارنىڭ ئەجدادى ھېسابلانغان خۇئاڭدىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

سوڭ چۇيۈ، خىتاي گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليان جاندىن كېيىنكى خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىككىنچى پارتىيە رەھبىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى تۇشمۇ-تۇشتىن زىيارەت قىلىپ، خىتاي كومپارتىيە رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشىشى خەلقارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.ئەمما، گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليانجاننىڭ زىيارىتىدىن كېيىن تەيۋەن ئىتتىپاق پارتىيىسى ليان جاننى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەيۋەن ئالىي سوتىغا ئەرىز سۇنغان ھەمدە ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئەل قائىدەنىڭ ئۈچىنچى نومۇرلۇق ئادىمى قولغا چۈشكەن

پاكىستان دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدە ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۇردى. ئابۇ فاراج ئەل لىبىب ئىسىملىك بۇ ئادەم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 3- دەرىجىلىك رەھبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوساما بىن لادېننىڭ نەگە يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

ۋېيتنام باش مىنىستىرى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا بىلەن ۋېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئون يىلدىن بۇيان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا باشلىغان، يېقىندا ۋېتنام باش مىنىسىتىرى مەخسۇس ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەر بۇنى ۋېتنامنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان يول بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. بۇ يىل ئامېرىكا بىلەن ۋېتنام ئارىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.