ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 19-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەم ئىلمىي تەتقىقاتقا بېغىشلانغان ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىللىگەن مۇزاكىرە يىغىنىغا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى. يىغىندا خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تەدبىرلەر، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەم شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

شۇ كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ ھەمكارلىقىدا مەرھۇم يازغۇچى توختى ئايۇپنى خاتىرىلەش يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا توختى ئايۇپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي قاراشلىرى ھەققىدە لېكسىيەلەر بېرىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىن ئارىيەلەر ئورۇنلاندى.

1945-يىلى كۇچادا تۇغۇلغان توختى ئايۇپ 1970-يىلى ناھەق جازالىنىپ، توققۇز يىل تۈرمىدە ياتقان. كېيىن نەشرىيات ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىدە ئىشلىگەن يازغۇچى كۆپلىگەن ھېكايە، پوۋېست،رومان، دراما ۋە كىنو سېنارىيەلىرىنى ياراتقان. ئۇ 2017-يىلدىن كېيىن ئۆيىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، 2025-يىلى 9-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

ئىستانبۇلدا يەنە ئۇيغۇر پروجېكت فوندى تەشكىللىگەن «دەۋر ۋە بىز: ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە» يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى كۈنلۈك يىغىندا 18 نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىي ساغلاملىق، مائارىپ، تارىخ، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تېمىلار بويىچە لېكسىيە بەردى.

يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن 28 ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ 34 پارچە ماقالىسى كىتاب قىلىنىپ تارقىتىلدى. پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ شەپقەت ھەمشىرېسى رىزۋانگۈل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى.