ۋاشىنگتوندا شى جىنپىڭغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

24-سېنتەبىر كۈنى كەچتە ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي ئەتراپىدا شى جىنپىڭغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، خىتايلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە بېرملىقلار بولۇپ نەچچە يۈز كىشى قاتناشتى.

نامايىشتا ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆز تەۋەلىكلىرىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە زوروانلىقلىرىنى ئەيىبلىدى. ۋەكىللەر يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگىمۇ خىتاب قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىدىكى يېتەكچى ئورنىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەكلىكى ۋە شى جىنپىڭدەك بىر دىكتاتورنىڭ ئامېرىكىدا قارشى ئېلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نامايىشچىلار يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشى، تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتىنى ۋە شياڭگاڭغا قارىتا زوروانلىقىنى توختىتىشى توغرىسىدا شوئارلار توۋلىدى.

نامايىشتا ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن مىسران دولان، رابىيە قادىر، ئەلفىدار ئىلتەبىر، روشەن ئابباس، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار سۆز قىلدى. سائەت 6 دە فرانكلىن باغچىسىدا باشلانغان نامايىش، ئارىلىقتا بىر مەھەل ئاقساراينىڭ ئارقا باغچىسىدا داۋاملاشتى. «ئامېرىكا ئاۋازى» مۇخبىرىنىڭ ئاقساراي ئىچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ ئارقا باغچىدىكى شوئار ۋە نۇتۇقلار ئاقسارايدا مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقان شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغىمۇ ئاڭلانغان.

تۈنۈگۈن يەنە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى مەكگوۋېرنمۇ نامايىشقا كېلىپ سۆز قىلىپ، نامايىشچىلارنى قوللىدى.

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىمۇ ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى؛ نامايىشتا شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئەيىبلىنىش بىلەن بىللە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى شوئارلار توۋلاندى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشتا، خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيە تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. تۈنۈگۈنكى بىرلەشمە نامايىش مەيدانىغا خىتاي كومپارتىيە تەرەپدارلىرى يېقىنلىشالمىغان.