ترامپ-شى ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ «قىزىل سىزىقلار» كۆرسىتىلگەن

ئاشكارىلىنىشىچە، ترامپ–شى ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاھالىلەر چەت ئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «سەلبىي ئۇچۇر» تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

يەرلىك ئالاقىدار خادىملاردىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇچرىشىدىغان 23–25-سېنتەبىر كۈنلىرىنى «ئالاھىدە كۈنلەر» دەپ بەلگىلىگەن. دائىرىلەر بۇ كۈنلەرگە ماس ھالدا تەشۋىقات، سىياسىي ئۆگىنىش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى ئالاقىدار خادىملار يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالاھىدە كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ترامپ–شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىنى «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي ۋە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش» دەپ تەشۋىق قىلماقتا. بۇ ئاخباراتلاردا يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنغانلىقىغا كەڭ يەر بېرىلىپ خەۋەر قىلىنماقتا. ئەمما ئۇچرىشىشقا ئائىت تەشۋىقات ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يەنە باشقىچە يەتكۈزۈلگەن.

ئاتۇشتىكى بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئولار ترامپ–شى ئۇچرىشىشىنى ئاھالىلەرگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى «ئىلگىرىلەشلەر»نىڭ، شۇنداقلا بۇ نەتىجىلەرنىڭ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ تونۇشتۇرغان. ئولار يەنە بۇ ئۇچرىشىشنى شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى داۋام قىلغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ غەلىبىسى، دەپمۇ چۈشەندۈرگەن. ئەمما مەزكۇر خادىم بۇ تەشۋىقاتنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن كۆرسەتمە بويىچە بولىۋاتقانلىقى ياكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ترامپ–شى ئۇچرىشىشى ئالدىدا ئامېرىكا تەرەپكە «ئاتلاشقا بولمايدىغان قىزىل سىزىقلار»نى كۆرسەتكەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدىمۇ غەيرىي-رەسمىي «قىزىل سىزىقلار»نى بەلگىلىگەن.

ئاقسۇ ۋە كورلىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچىلار سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدىكى «ئالاھىدە كۈنلەر» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئاھالىلەرنى دۇيىن (Douyin) قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «سەلبىي ئۇچۇر» تارقاتماسلىق ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن، يەنى نومۇرى «0» بىلەن باشلىنىدىغان تېلېفونلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە قايتىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاساسەن ئېغىزاكى يەتكۈزۈلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشلاردا، ئاھالىلەر دىققەت قىلمىغان تەقدىردە، ئاتالمىش «چەت ئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر»نىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «ئىغۋا تارقىتىشى» ۋە مۇھىم كۈنلەردە خىتاينىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلىپ، ئۇلارنى ھۇشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.