خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى شيې فېڭ پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدىن بىر كۈن ئاۋۋال، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «قىزىل سىزىقلار»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى بولسا، بۇ سىزىقلارنى خىتاينىڭ ئېغىر ئاجىز نۇقتىلىرى دەپ كۆرسەتتى ۋە پرېزىدېنت ترامپنى بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەي، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سۆھبەتتە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى شيې فېڭ ترامپ–شى ئۇچرىشىشى ئالدىدا خىتاينىڭ ”خەلق گېزىتى“دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، تەيۋەن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «تۆت قىزىل سىزىق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئامېرىكا تەرەپنى دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ خىتاينى چەكلەشكە ئۇرۇنماسلىق ۋە بۇ «قىزىل سىزىقلار»دىن ئۆتمەسلىككە چاقىردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى مىسران دولان مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارا ئاخباراتنىڭ مەركىزىي تېمىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ «قىزىل سىزىق» ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۇنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. مىسران دولان مۇنداق دېدى: ”مانا بۇ باياناتنىڭ ئۆزى ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.“
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسىنى بېيجىڭدىكى ئالاقزادىلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرغان. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالارمۇ پرېزىدېنت ترامپنى شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
زۇمرەتئاي ئەركىن پرېزىدېنت ترامپنى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت پاكىتلارنى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بولسا، مەزكۇر قىزىل سىزىقلارنىڭ كۆرسىتىلىشىنى «كۈچى بار بىر دۆلەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس» دېدى. رابىيە خانىم خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئادالەتسىز رىقابەتكە ۋە زوروانلىققا تايانغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ سەمىمىي بىر تەرەققىيات ئەمەسلىكىنى، خىتايدىكى مۇقىملىقنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىملىقنىڭ تەبىئىي مۇقىملىق ئەمەس، سۇنئىي مۇقىملىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ كۆرۈنگىنىدەك قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. رابىيە خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دونالد ترامپنى قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك پرېزىدېنتىغا خاس بولۇشقا ۋە شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
