ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4-10-ماي)
2005.06.10
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
8-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىنغا ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ت. كۇمار قاتارلىق ئەربابلار ھەمدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار قاتناشتى.
رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە كەلتۈرگەن ئاپەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنىۋاتقان تاجاۋۇز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ۋە خەلقارا جەمىيەتتىن مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ يىغىندا يەنە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قوللىنىۋاتقان تۈرلۈك جازالاش تەدبىرلىرى تەنقىد قىلىنغان.
خىتاي تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يېڭى يول ياسىماقچى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئارالدىن ، خوتەنگە تۇتىشىدىغان تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر يول ياساشنى پىلانلىغان.
بۇ يېڭى يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 424 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، مەزكۇر يول قۇرۇلۇش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ياسىلىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يولنى ياسىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش ۋە چەت-ياقا جايلارغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بەربات قىلىش ئىكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق يوللارنى ياسىشىدىكى يەنە بىر مەقسىدى، خىتايلار ئاز سانلىقنى، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان تارىم-تەكىلاماكان ۋادىسىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئېلىپ چىقىپ، بۇ جايلارنى خىتايلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر ئېلىدە قۇش زۇكۇمى پەيدا بولدى
خىتاي ئاخبارات تورلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆچەك شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر غاز فېرمىسىدا قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەزكۇر جايدا قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغان غازلارنىڭ سانى 1500 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ 400 ئۆلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرچە مەزكۇر كېسەللىك تېخى ئادەملەردە كۆرۈلمىگەن ئىكەن. ئەمما، ئېنىقلىنىشلارغا ئاساسلانغاندا بۇ خەۋەر تېخى پەيشەنبە كۈنىگىچە، ئۇيغۇرچە، خىتايچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئادەملەر بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالغان.
قىسقىچە خەلقارا خەۋەرلەر
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتايدىن خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېز ئارىدا خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئىسلاھ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چارشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند ئوبلاستىدا نامايىش يۈز بەردى. بۇ نامايىشقا 600 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ ئەندىجان ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نامايىشچى ئامما سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خەلقارا ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ ئەندىجان ۋەقەسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. بىراق، كەرىموپ، يەنىلا خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئەندىجان ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلماقتا.
ئۆزىنى دېموكراتىك ھۆكۈمەت دەپ ئېلان قىلغان قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئەندىجان ۋەقەسىدە قرىغىزىستانغا قېچىپ كېلىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگەن بىر قانچە مۇساپىرنى ئۆزبېكىستانئ غا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن خەلقارا جەمىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىئەلد سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بىخەتەرلىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە سەرپ قىلىۋاتقان ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئۇلار ئېتىراپ قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ تېز ئېشىشىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەربىي ھازىرلىق تەڭپۇڭلۇقىغا تەھدىد بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي خىراجەتلىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.(ئۈمىدۋار)