ھەپتىلىك خەۋەرلەر(25-ئىيۇن-1-ئىيۇل )
2005.07.01
رابىيە قادىر ئەنگىلىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدى
ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ئەنگىلىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، غەلىبىلىك ھالدا ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى.
رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ لوندوندىكى بىر ھەپتىدىن ئارتۇق پائالىيىتى جەريانىدا خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۇنىڭدەك باشقا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ يەنە ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ياۋا كەپتەر ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى
خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياش يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى "ياۋا كەپتەر" يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەر يەنە خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
نۇر مۇھەممەد ياسىننىڭ ئەسىرىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدا تارقىلىشى خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ جۈملىدىن خەلقارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە، نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ جازالىنىشى خەلقارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان بولۇپ، ئىنسانى ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە بوغۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
ئەنخۇيدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چېنجو كەنتىدە يۈز بەرگەن بىر قاتناش ماجراسى تۈپەيلىدىن، بىر قانچە مىڭ ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر كۆپلىگەن ساقچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ھەمدە ساقچى ماشىنىلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەن. بەزى مەتبۇئاتلاردا ۋەقەگە قاتناشقان خەلقنىڭ سانىنىڭ 10مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
خۇ جىنتاۋ رۇسىيىنى زىيارەت قىلدى
30-ئىيۇن كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋا زىيارىتىنى باشلاپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خۇ جىنتاۋ بىلەن پۇتىن ئىككى دۆلەتنىڭ 21-ئەسىردىكى ھەمكارلىقلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر بىرلەشمە باياناتقا قول قويغان. شۇنىڭدەك يەنە مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالانغان.
خۇ جىنتاۋ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسىنى يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە 80 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
بۇ قېتىمقى رۇسىيە-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا ئاساسلىقى ئېنېرگىيە-سودا –ئىقتىساد ، يۇقىرى تېخنىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت يەنە خەلقارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
خۇ جىنتاۋنىڭ موسكۋا زىيارىتى، ئۇكرانىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلاب نەتىجىلىرىدە ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەر ئاخىرلىشىپ، غەربپەرەس ۋە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە، چۈنكى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرلىرى بۇ جايغا سىڭىپ كىرىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن بېيجىڭ ۋە موسكۋا رەھبەرلىرى ئورتاق پىكىرگە كېلىپ ، ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقچى ئىكەن.
خۇ جىنتاۋ موسكۋا سەپىرىدىن كېيىن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستاناغا كېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئىشتىراك قىلىدۇ. بۇ يىغىندا يەنە شۇ كونا تېما-تېررورىزىم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە، موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ ئورتاق پىكىرگە ئىگە بولۇپ، موسكۋا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى، بېيجىڭ چېچېنىيە مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىققا پۈتۈشكەن.
جورجى بۇش ئىراق ئۇرۇشىدا ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي كورىلىنادىكى فورت بىرگ ھەربىي بازىسىدا سۆز قىلىپ،" بىزنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىمىز روشەن. بىز تېررورىزىمغا زەربە بېرىۋاتىمىز شۇنداقلا بىز ئىراق خەلقىنىڭ ئەركىن دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم قىلىۋاتىمىز. بۇ دۆلەت بىزنىڭ تېرروزىمغا قارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقدېشىمىز. بىز كەڭ دائىرىدىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈمىز" دېگەن، ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدا قۇربانلارنى بېرىپ بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى، لېكىن، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىلىرىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ، بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.(ئۇمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-24- ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-17 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4-10-ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-مايدىن 3-ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21 - 27 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 14-20 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30- ئاپرىل 6-ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 23-29- ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 16-22- ئاپرىل)