ھەپتىلىك خەۋەرلەر(16-22- ئىيۇل )


2005.07.22

رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە سەپىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم 16-ئىيۇلدىن 21-ئىيۇلغىچە گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن ئەھلى رابىيە قادىر خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپ تېكىن ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ مەخسۇس زىياپەت بەردى.

يىغىن ئاخىرسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رابىيە قادىر ھەققىدە مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ ،رابىيە قادىر خانىمنى " ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئانىسى، مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشىنىڭ بايراقدارى دەپ تونۇيدۇ ۋە بۇ شەرەپلىك سالاھىيەتنى دۇنياغا ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىپتىخار بىلەن تەقدىم قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئالىپ تېكىن بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دەۋاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىن ئاخىرسىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېن خىتاپنامىسى ئېلان قىلدى.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېرلىنگە بېرىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە جەنۇبى-شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى شۇنىڭدەك گېرمانىيىدىكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى ۋاقتىدا يەنە خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ميۇنخېن شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولدى ھەمدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر چېمپىيونى بار

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پۈتۈن جۇمھۇرىيەتكە تونۇلغان ئاتاقلىق شەخسلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا قول قايرىپ كۈچ سىنىشىش بويىچە قىرغىزىستان چېمپىيونى ئابدۇرېشىت دۇگانوپ ئىسىملىك ئۇيغۇر پالۋانىمۇ بار.

31 ياشلىق ئابدۇرېشىت دۇگانوپ كىچىكىدىنلا تەنھەرىكەتنىڭ قول قايرىش تۈرىگە ئالاھىدە قىزىقىپ، كۆپ مەشىقلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ بىر قانچە قېتىم جۇمھۇرىيەت چېمپىيونى بولغان. 2004-يىلى قىرغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ خەلقارالىق مۇسابىقىسىدە قول قايرىش بويىچە دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ، قىرغىزىستانغا جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىغە شەرەپ كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ ھازىر خەلقارالىق مۇسابىقىلەردە غالىپ چىقىش ئۈچۈن قاتتىق مەشىق ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي بانكىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى ئىكەن.

خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن خەلق پۇلىنى ئالماشتۇرۇشتا نوقۇل ئامېرىكا دوللىرىنى بىرلىك قىلمايدىكەن. بەلكى ئۇنى كۆپ خىل چەتئەل پۇلىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن. ھازىرقى تەڭشەشتىن كېيىن خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇش قىممىتى 2٪ ئۆسكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر دوللار سەككىز سوم ئون بىر تىيىن بولغان.

خەلق پۇلىنى تەڭشەش مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش خاراكتېرلىق مەسىلە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بېسىمى ئالدىدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان.

ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاسىيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىد سېلىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا نۇرغۇن باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ، مەزكۇر دوكلاتقا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقىلىرىنىڭ پەقەت ھەربىي جەھەتتىكى زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەر قانداق دۆلەتكە تەھدىد سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى گېنېرال مايور جۇ چىڭخۇ نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئارىلاشسا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا يادرو قوراللار بىلەن زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جىددىي ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.

چېن يوڭلىن ئامېرىكىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى

ئاۋسترالىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسۇل دىپلوماتى چېن يوڭلىن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۈنگوڭچىلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى پاش قىلدى. چېن يوڭلىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭدىن ئارتۇق خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققان بۇ دىپلومات ۋاشىنگتوندىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ،" جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمەت تېررورىزىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گۇرۇھ" دېگەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.