ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-سېنتەبىر)
2005.09.23
رابىيە قادىر جوھنس ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىدى
22-سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى جوھنس ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بويىچە، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.
سىياسەتچىلەر قاتلىمىغا مەنسۇپ ئەربابلار ، ئالىملار، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىندا رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ھەمدە سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، قاتناشقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ جاۋابلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى، سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى قاتارلىق كەڭ دائىرىلەر ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توغرا ۋە ئادىل چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە قايىل قىلارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.
جوھن ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى بويىچە داڭلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ، دائىم بۇ جايدا ئاتاقلىق ئەربابلار مەخسۇس دوكلات بېرىدۇ.
ئەركىن ئالىپتېكىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن،13-سېنتەبىردىن 19-سېنتەبىرگىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئ ئەتلەر يىغىنى ۋە ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۇنيا مۇنبىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
ئالىپتېكىن ئەپەندى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى مەزكۇر رايونغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلدى.
تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت باشلىقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە باشقىلار قاتناشقان.
ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زوبلىڭ خىتاي ھەققىدە توختالدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زوبلىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، خىتاينى دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشقا چاقىردى ھەمدە نۆۋەتتە خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر پارتىيىلىك دىكتاتۇرا تۈزۈمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى دىكتاتۇرا مەسىلىسى ھەققىدىكى رەسمى مەيدانى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
لوپنوردىكى يادرو سىنىقىدا 750 مىڭ ئادەم ئۆلگەن
خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن چەتئەلدە تارقىتىلىدىغان "خەۋەرلەر مەجمۇئەسى" گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 1964-يىلىدىن باشلاپ، لوپنوردا ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرىدا يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە يادرو سىنىقىغا قاتناشقان ھەربىي خادىملار بولۇپ، جەمىي 750 مىڭ ئادەم رادىئاكتىپلىق زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن.
خىتاي 1997-يىلىغىچە بۇ جايدا 47 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان .بۇ سىناقلار جەرياندا تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىۋاستە زەھەرلىنىشكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك غەيرى كېسەللەر پەيدا بولۇپ، كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ قاچان بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاتوم سىناقلىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان شۇنىڭدەك ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى مەخپىي تۇتقان.
خىتاي مەركىزىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خىتاي مەركىزىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلاردىن ئىسمائىل تىلىۋالدى ۋە ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئۆمەك ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەبرىك پائالىيەتلىرىگە باش مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى 50 يىللىقنى داغدۇغۇلۇق تەبرىكلىمەسلىكنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن بىردىنلا بۇنى ئۆزگەرتىپ، داغدۇغا قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئەمما، ئامانلىقنى كۈچەيتىش نامى ئاستىدا قامال قىلىش، تۇتقۇن قىلىش چارىلىرىنى بېكىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاردا نازارەت ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا ھەر قايسى ناھىيە ۋە يېزا كەنتلەردىمۇ چارلاش ۋە ئاختۇرۇش ئەترەتلىرى قۇرۇلۇپ، گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇش، كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىلماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنى "توقماق ئاستىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى" دەپ ئاتىغان.
ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسى خىتاي بېلىقچى پاراخوتلىرىغا ئوت ئاچتى
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا دۈشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسى قانۇنسىز ھالدا ھىندونېزىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەن بىر خىتاي بېلىقچى پاراخودىغا ئوق چىقىرىپ، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئىككىنى يارىدار قىلغان ھەمدە بۇ پاراخوتنى ئېلىپ كەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن نارازى بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر بېلىقچى پاراخودىنىڭ ھىندونېزىيە تەۋەسىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى تەسىرى ئاجىزلىشىپ، مەزكۇر رايوندا خىتايغا نىسبەتەن چەكلەش خاھىشلىرى كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم.
قىرغىزىستاندا قالايمىقانچىلىقلار يۈز بەرمەكتە
ئۆتكەن ھەپتىدە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ باش تەپتىش ئازىمبېك بېك نازاروپنى جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋەتكەندىن كېيىن، قىرغىزىستاندا يېڭى قالايمىقانچىلىقلار پەيدا بولدى، قىرغىزىستان جەنۇبىدىكى ئاقسى يېزىسىدىكى ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشى باقىيېۋتىن ئازىبېك بېكنازاروپنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇنداق ھەرىكەتلەر يەنە بىشكەكتىمۇ يۈز بەردى.
22-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى بايامان ئەركىنبايېۋ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى داۋالغۇشلار يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. (ئۈمىدۋار)