ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-30- سېنتەبىر)


2005.09.30

خىتاي ھۆكۈمىتى تەبرىكلىمەكتە، ئۇيغۇرلار ماتەم تۇتماقتا

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىپ، ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەسىس قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىقى. خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، زىيارەت قىلىش بىلەن بىر قاتار تەشۋىقات -تەرغىباتلارنى ئېلىپ باردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ھال سوراش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن زور ساندىكى ساقچى قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان ئورۇنلارغا بولغان كونترول قىلىشنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن سالاھىيەت تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىشنىمۇ كېڭەيتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، ئۆز ئائىلىسىگە ئۆزلىرى ئىگە بولۇۋاتقانلىقى"، "كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى"، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ناھايىتى ياخشى، جەمىيەتنىڭ تىنچ ۋە مۇقىم ھەم پاراۋان ئىكەنلىكى" قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسىي نۇقتا قىلغان.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى لو گەن ھەممىلا يەردە مۇقىملىقنى تەكىتلەپ ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۆز پىكىرلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى بەرمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سىياسىي، كىشىلىك ۋە باشقا ھەممە ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىرەر خېيىم-خەتەرگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىغا بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى

10-ئاينىڭ 1-كۈنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شاتلىق -توي كۈنى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ۋە نامايىشلارنى ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى، جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 56 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا پايتەختى ئەتراپىدىكى ۋىرگىنىئا، ماريلاند شىتاتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

30-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ قارمىغىدىكى غوجائەخمەت سەدۋاقوسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە خىتايدىن كەلگەن مەلۇم ساندىكى ئالىملارمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆز ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىندا ئاساسلىقى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىساد مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. قازاقىستاندىكى خەلقئارا خاراكتېرلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنلىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىقى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىش ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى گەرچە ئۇنىڭغا قارىغاندا دائىرە جەھەتتىن كىچىكرەك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خەلقئارالىق تۈس ئالغان ۋە يېڭى سىياسىي ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ناھايىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن غوجائەخمەت سادۋاقاسوپ، مۇرات ھەمرايېۋ، تۇغلۇقجان تالىپوۋ ھەم رۇس ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن س. مالوپ، ۋ. بارتولد، د. ۋاسلىيېۋ ۋە س. كلىياشتورنىي قاتارلىق خەلقئارا سەۋىيىلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىدى. ھازىر قازاقىستاندا يەنە مەلۇم ساندا ئۇيغۇرشۇناسلار ئۆز ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كورلا شەھەر باشلىقىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى

ئۆتكەن ھەپتىدە كورلا شەھىرىنىڭ باشلىقى 43 ياشلىق مۇتەللىپ يۈسۈپ، نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپتە ئۇنى مەخپىي تۇتقان بولسىم، بىراق كېيىن ئاشكارىلىغان لېكىن، سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن. كورلا شەھىرىنىڭ 7 نەپەر باشلىقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بەش نەپىرى خىتايدۇر. ھازىر جەمىيەتتە مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈرمەكتە. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىمۇ ئېنىق ئۇچۇر تارقىتىلمىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قورال-ياراق چەكلىمىسى قويماقچى

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستانغا قورال سېتىپ بەرمەسلىك ھەققىدە ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە قارار قوبۇل قىلدى. بۇ ئەنجان ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكىمۇ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئۆزبېكىستاندىكى بازىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما تاشكەنت رەھبىرى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنى" بىر خىتاي " سىياسىتىگە قايتا باھا بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكىدىكى مىراس فوندى جەمىيىتى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا " تەيۋەن بوغۇزىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش"، " بىر خىتاي سىياسىتىدىن باشقا، رېئاللىققا ماس كېلىدىغان بىرەر تاللاش يولى بارمۇ؟ " دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ستىۋە شابوت ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر خىتاي سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇ تەيۋەننىڭ چوقۇم ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.