ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-دېكابىر)


2005.12.16

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنى بولدى

12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن توم لانتوس ۋە فرانىك ۋولفنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا، خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ت.كۇمار، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسۇلى لۇئىيىسا خانىم ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن.

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەن بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ت. كۇمار ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسى جىنايەتچىلەرنىڭ ئەڭ قاتتىق جازالىنىشى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ئىنكاسى

ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرىگە يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ خىتايدىن بۆلۈنۈشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلىرىگە ۋە بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىكى كېرەك" دېگەن.

خىتاي رابىيە قادىرنىڭ "ئەقىدە شىركىتى" دىكى ئىككى خادىمنى قويۇپ بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى 14 ‏-دېكابىر كۈنى رابىيە قادىرنىڭ "ئەقىدە شىركىتى" دىكى ئىككى نەپەر خادىمنى قويۇپ بەردى.

خىتاي دائىرىلىرى 11‏- ماي كۈنى يەنى، رابىيە خانىم قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى "ئەقىدە شىركىتى"گە بۆسۈپ كىرىپ، روزى مەمەت بىلەن ئايشەمگۈلنى سەۋەبسىزلا تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە شىركەتنىڭ بىر قىسىم ھۆججەتلىرىنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى. رابىيە خانىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرىشىچە، "ئەقىدە شىركىتى" نىڭ كاتىپى روزى مەمەت ۋە ياردەمچىسى ئايشەمگۈل كېرىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندە ئۇلاردا چوڭ جىسمانىي ئۆزگىرىش بولغان. ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە پرېزىدېنت بۇشقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىيۇنخېندا ئۇيغۇرلار نامايىش قىلدى

13-دېكابىر كۈنى مىيۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىندى.

ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتانلىقىنى تەنقىد قىلدى

10-دېكابىر كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 57 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالمۇتادىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئېچىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئۈستىدىن تەنقىد ئېلىپ بېرىلدى.

گۇئانتامودىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى ئېچىلدى

12-دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا گۇئانتانومودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئادىل ئابلىكىم، ئابابەكرى قاسىم ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ سوتى بولۇپ ئۆتتى، سوتقا خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. گۇئانتانومودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان سەبىن ۋالىت بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى ۋاشىڭتونغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ياشاشقا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. باش سوتچى بۇ تەلەپكە 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

12-دېكابىر ھەرىكىتىگە 20 يىل

ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ھەرىكەتكە قاتناشقان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان نۇرمۇھەممەد مۇساباي، مۇھەممەد توختى ۋە باشقىلار بۇ ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ ئۆتتى. 1985-يىلى 12-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتېتى، پېداگوكىكا ئۇنىۋەرسىتېتى، يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ھەممە ئالىي مەكتەپنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى نارازىلىق نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سەككىز تۈرلۈك تەلەپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرگە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 12 –دېكابىرنى شەرقىي تۈركىستان ياشلار كۈنى دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا خىتاينى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى سودا ۋەكىلى سىترافرود خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىرىلىرىنى ئىجرا قىلىش خاتىرىسىنىڭ قالايمىقانلىقىنى كۆرسەتتى. سىترافرود خىتاينىڭ ئۆز بازىرىنى ئېچىۋەتىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تاكى ھازىرغىچە بۇنى ئورۇنلىمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا سودا دائىرىلىرى " خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە، بەزىدە ئۇياتسىزلارچە خىلاپلىق قىلماقتا" دېدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.