ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-30-دېكابىر)


2005.12.30

دانىيىدە بىر ئۇيغۇر ياش قازا قىلدى

دانىيە ساقچى دائىرىلىرى دانىيىگە قانۇنسىز كىرگەن بۇرھان زۇنۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ پادبۇرگ شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، دانىيە ساقچىلىرى 25-دېكابىر كۈنى بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆزىنى ئېسىۋالغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغانلىقى، بىراق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 29-دېكابىر كۈنى ۋاپات بولغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دانىيە ساقچىلىرى بۇرھان زۇنۇننىڭ بۇ دۆلەتكە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنى خىتايغا قايتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى. ئەمما، مەزكۇر ياشنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار مەۋجۇت ئىكەن.ئۇيغۇر جامائەتلىرى ۋە خەلقئارالىق جەمىيەتلەر بۇ ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

ئالمۇتىدا بىر ئۇيغۇر ئالىمىغا يۇقىرى مۇكاپات بېرىلدى.

قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر دىرامما تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور ئەخمەتجان قادىروپنىڭ سەنئەت تەتقىقاتى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى گېرمانىيىنىڭ خەلقئارا ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرى سەنئەتشۇناسلىق دوكتۇرى ئۇنۋانى ھەمدە "ئالتۇن بۈركۈت" مېدالى بېرىش بىلەن تەقدىرلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىمۇ ئۇنىڭغا شەرەپ مۇكاپات بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي دېلولار كۆپەيمەكتە

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي دېلولار كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە 1269 قېتىم دېلو سادىر بولغان، ئىقتىسادىي قىممىتى21 مىليارد سومدىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن. يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي مالىيە تەكشۈرۈش دائىرىلىرى خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە 290 مىليارد سومنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

خىتاي مائارىپقا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتمەكتە

يېقىندا خىتايدا يېزا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسى بويىچە خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يېزا مائارىپى ئۈچۈن، كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە 218 مىليارد سوم مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆزلەپ، مىللىي مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلىدا ئوقۇشىنى يەسلىدىن باشلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى بۇ مەسىلىدە باشقىچىدۇر.

خىتاي يول ياساش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆمۇر يول ۋە تاش يول قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھەتتا تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يوللارنى كۆپەيتىشنىمۇ پىلانلىغان. يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يېزا-كەنتلەرنىڭ يول ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ئۈچۈن خەلق يەنىلا مۈشكۈللۈك ئىچىدە ياشىماقتا ئىكەن.

ياپونىيە خىتاينى ئەيىبلىدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدە بىر نەپەر ياپونىيە دىپلوماتىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ بۇ كىشىنى ياپونىيىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرنى بېرىشكە قىستىغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن بىر قانچە مەزگىل ئىلگىرى چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىغا تېلېفون بېرىپ، خىتاي رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەشكە، جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستىغانلىقلىرىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئىران بىلەن قورال سودىسى قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو قويدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئىران بىلەن تېخنىكا ۋە قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىق قوراللارنى ياساشقا كېتىدىغان ئەسۋابلار سودىسى قىلغان 9 چەتئەل شىركىتىگە ئەمبارگو قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 6 سى خىتاي شىركىتى، ئىككىسى ھىندىستان شىركىتى ئىكەن.

ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە 30 مىليون ئادەم ئۆلگەن

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "مىللىي جۇغراپىيە" ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ ماۋزېدۇڭ دەۋرىگە ئائىت بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ 1949-يىلىدىن تاكى 1976-يىلىغىچە بولغان ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە، بولۇپمۇ "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" مەزگىلىدە 30 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

ئۆزبېكىستان ئۈستىدىكى تەنقىدلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ئىشلىرى بويىچە ئالىي كومىسسارى لۇئىزا ئاربۇر ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئۈستىدىن ئادىل بولمىغان سوت ئېچىپ، ئېغىر جازالارنى قوللانغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، تاشكەنت رەھبەرلىرىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىدە كىشىلىك ھوقۇق بولۇپمۇ، ئادەمنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە تاشكەنتنى خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئەمما، تاشكەنت دائىرىلىرى ئاربۇرنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.