ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14-20-يانۋار)


2006.01.20

خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى(18-يانۋار) يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى تەنقىد قىلدى.

دوكلاتتىكى مەخسۇس "شىنجاڭ ۋە تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇش" دېگەن تېما ئاستىدىكى بەتلەردە "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ باغلانغان دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ" دەپ يېزىلغان ھەمدە بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كونترول قىلىشى، مەسچىتلەرنى بۇزۇشى ۋە خىتاينىڭ دىنىي جەھەتتىكى يوليورۇقىغا بويسۇنمىغان كادىرلارنى خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىشى قاتارلىقلارنى مىسال قىلىنغان.

مەزكۇر تەشكىلات ئۆز دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، "بۆلگۈنچى"، " تېررورىچى" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ جازالاۋاتقانلىقىنى ھەتتا بۇ يەردە ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى يازغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا مەزكۇر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان.

گۇانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ئەرز سۇندى

كۇبانىڭ گۇانتانومو ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش دېلوسى ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا " ھوقۇق يەتمەسلىك" دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىم قاتارلىق بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى فېدېرال سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، 17-يانۋار كۈنى ئامېرىكا فېدېرال ئالىي سوتىغا ئەرزى سۇنۇپ، مەزكۇر دېلونى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىسمائىل تىلىۋالدى "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنلىرى جەريانىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى قايتا -قايتا " ئۈچ خىل كۈچ" كە قاتتىق زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. ئىسمائىل تىلىۋالدى 17-يانۋاردىكى سۆزىدە ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلەر"گە " باش كۆتەرگەن ھامان زەربە بېرىش"، " ئالدىن قول سېلىش" دېگەندەك چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىسمائىل تىلىۋالدى يەنە" شىنجاڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان مۇستەقىل ئۆزىگە -ئۆزى خوجا بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە مىللىي ئىتتىپاقلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز-ئارا ياردەمدە بولىدىغان ۋە ماسلاشقان يېڭى تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى" دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ھەققىدە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسمائىل تىلىۋالدى دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئۆزى-ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى يوقلىقىنى، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپرەك مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى سۆزلەتكۈزۈش ئارقىلىق خەلقئارانى ئالدىماقچى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى.

بۇرھان زۇنۇن دانىيىدە دەپنە قىلىندى

دانىيىنىڭ پادىبۇرگ شەھىرىدىكى ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دەپ ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ياش بۇرھان زۇنۇن ئۆتكەن ھەپتىدە دانىيىدە دەپنە قىلىندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەرھۇمنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭ مېيىتىنى غۇلجىغا ئېلىپ كېتىپ دەپنە قىلىشنى خالىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر جۈملىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ رۇخسەت قىلماسلىقى بىلەن بۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەن. مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى دانىيە ، نورۋىگىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ سىياسەت قاتلىمىغا شۇنىڭدەك خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى ۋە مۇساپىرلار تەشكىلاتلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

تارىم بويىدىكى توغراقلىقلار زور كۆلەمدە قۇرۇپ تۈگىمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى جەريانىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى تۆرەك ئىسمائىل تارىم ۋادىسىدىكى بوز يەر ئېچىلىش مەسىلىسىدە توختىلىپ، تارىم ۋادىسىدىكى ئۈچ مىليون مو ئەتراپىدىكى توغراقلىقلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىتىلغانلىقىنى، بۇ رايونلاردىكى توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ 90% كە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە، ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ خالىغانچە يەر ئېچىشى ۋە سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىشى بىلەن تارىم ۋادىسى ئەكولوگىيىلىك مۇھىتى بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا.

جاپپار ھەبىبۇللا پىلانلىق تۇغۇتنى تەكىتلىدى

18-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى جەريانىدا خوتەن گۇرۇپپىسىدا سۆز قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ياخشى تۇتۇلمىغانلىقىنىڭ خوتەننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قالاق قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، يەنە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا دىنىي ئۆلىمالارغا تايىنىش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ ، دىنىي ئۆلۈمالارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى توغرا دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە پىلانلىق تۇغۇتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر دىنىي ئۆلۈما ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۆرەلمىنى قوساقتا ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تىبەتلەر جاڭ زېمىن ۋە لى پېڭ ئۈستىدىن ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى سۇندى

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيە شۆبىسى يېقىندا سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىن بىلەن سابىق باش مىنىستىر لى پېڭنى تىبەت پۇقرالىرىغا قارشى مىللىي تازىلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئىسپانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، سوت داۋاگەرلەرنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئەرزى كۆرۈپ چىقىشقا ماقۇل بولغان.

تەيۋەن پرېزىدېنتى لىۋىيەنى زىيارەت قىلدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېنشۇيبىئان 18-يانۋار كۈنى كازافىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لىۋىيىنى زىيارەت قىلىپ، ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەم باشقا تەرەپلەر بويىچە ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان، بۇ ھال خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە قاتتىق پوزىتسىيىدە تۇرماقتا

ئىراننىڭ يادرو قورالى پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ مەسىلىدە ئىران بىلەن سۆھبەتلەشمەي، مەزكۇر مەسىلىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ھەل قىلىنىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلغان. بىراق، رۇسىيە بولسا بۇ مەسىلىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىگ سۇنسىمۇ، ئەمما قارار ئالماسلىقنى ،بەلكى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، خىتايمۇ ئوخشاش مەيداندا تۇرماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتقا بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 79 گېزىتنى تاقاپ، 169 مىليون پارچە نەشىر ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلغان. خىتاي ھازىر مەتبۇئاتقا ۋە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.