ئادىل ھوشۇر خىتاي تورلىرىدىكى قارىلاشلارنى ئىنكار قىلدى
يېقىندا، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىنتېرنەت تورلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " پەلەك شاھى" دەپ نام بېرىلگەن دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ ئېرىشكەن " جېننىس" رېكورتى گۇۋاھنامىلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۆلچەمدىكى ئورۇنلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى شاڭخەي شەھىرىدىكى جېننىس رېكورتى ئورگىنىدىن بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلىپ، ئۇنى ئەيىبلەش ۋە ھەتتا ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى قارىلاش خاراكتېرىدىكى ماقالىلار كۆرۈلگەن ئىدى. 1997-يىلىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى رېكورتلارنى يارىتىپ كېلىۋاتقان ئادىل ھوشۇرغا قىلىنغان بۇ ئەيىبلەشلەر ئادىل ھوشۇرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئادىل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئېرىشكەن شان-شەرەپلەرنى خەلق بەرگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر دارۋازچىلىقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كانادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى
يېقىندا كانادا رېجىسسورى ئابىر ئالسايىد خانىم تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ھاياتى قىستۇرما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم كانادا جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى جەريانىدا ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە مۇھىم رول ئوينىغۇچىلار كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن تامارا خانىم ۋە ئۇنىڭ قىزى ئادالەت خانىملاردۇر. تامارا خانىم قازاقىستاندا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى داۋۇت ئىسىيېۋنىڭ رەپىقىسى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللار ئۇيغۇر سەنئىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.
"قارا جۆلدىكى جەڭ" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنىدۇ
شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرى ئاساسىدا 1968-1969-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا مەخپىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرىكەتلىرى بولۇپمۇ، ئاخۇنوپ ۋە مىجىت قوماندان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى قوراللىق ھەرىكەت ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتۇشنىڭ قارا جۆل دېگەن يېرىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قېلىشى ھەم باشقا ۋەقەلەر ھەققىدە " قارا جۆلدىكى جەڭ" ناملىق كىتاب يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب يېقىندا نەشرىدىن چىقىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئىنتېرنەت شىركەتلىرىدىن مىكروسوفت، گوئوگلە، ياخوئو ۋە سىسسكو قاتارلىقلارنىڭ خىتاينىڭ مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنەتنى بوغۇۋاتقانلىقىغا قارىماستىن، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى كۆزىتىشكە ياردەملەشكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوسمۇ سۆز قىلىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەسۇلىيەتچانلىقىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم بۇ ئىشلارنىڭ نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
خىتايچە قوش تىللىق مائارىپ كۈچەيتىلمەكتە
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتىلىدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" پىلانىنى كېڭەيتمەكچى، 2010-يىلىغا يەتكەندە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھەر يىلى 20 مىڭغا يەتكۈزىلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشمۇ ئىزچىل تەكىتلەنمەكتە. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى 100 يىللىق پىلان دەپ ئاتاپ، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش دەپ ھېسابلىماقتا.
نۇر بەكرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسىنىڭ 2010-يىلىغىچە 22 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، نۇر بەكرى يېزا-قىشلاقلاردا، نامرات يېزىلاردا تۇغۇت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن پىلانلىق تۇغۇتنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، ئۇ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتايلارنىڭ نوپۇسىنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېمىگەن. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى تەنقىد قىلدى.
ئامېرىكا تىنچ-ئوكيان رايونىدا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تىنچ ئوكيان پىلوتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئامېرىكا، تىنچ ئوكيان رايونىدا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ مانېۋىرغا يەنە ياپونىيە ۋە جەنۇبى كورېيە قوشۇنلىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.
دالاي-لامانىڭ ۋەكىللىرى خىتاي بىلەن 5-قېتىملىق مەخپىي سۆھبىتىنى باشلىدى
تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى چارشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن 5-قېتىملىق سۆھبىتىنى باشلىدى، ئەمما ،بۇ يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، سۆھبەت مەزمۇنلىرى ئاشكارا ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەر بىلەن بولغان بۇ سۆھبەتنى پەقەت تىبەت مۇھاجىرلىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى دەپ چۈشەندۈرمەكتە .(ئۈمىدۋار)