ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28- ئىيۇل)
2006.07.28
نيۇ يوركتا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
27 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى تېمىسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىندا، خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلغان. رابىيە قادىر يىغىندا خىتاينىڭ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەم ئەمگەكچىلەر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
خىتاي رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى سوتلاشنى كېچىكتۈردى
خىتاي دائىرىلىرى ئەسلى رابىيە قادىرنىڭ قاھار ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك 2 ئوغلىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە "باج ئوغرىلاش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 28 - ئىيۇلدا رەسمىي سوتلىماقچى ئىدى. لېكىن سوت ئېچىلىشقا 3 كۈن قالغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش دائىرىلىرى سوت كۈنىنى كېچىكتۈرگەن.
رابىيە قادىر ئائىلە - تاۋاباتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيىبنامىدىكى جاۋابكارلارنى "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان"، "كىشىلەرنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقان" دەيدىغان ئەيىبلەشلەر چىقىرىپ تاشلانغان بولۇپ، پەقەت "باج ئوغرىلىدى" دېگەن ئەيىبلەشلا ساقلاپ قېلىنغان. ئالىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىملار 1 – ھەم 13-ئىيۇن كۈنلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن ھەمدە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن توم لانتوس قاتارلىقلار خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىغا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايونلارغا ياردەم بېرىش شۇئارى ئاستىدا، يېقىندا شەندوڭ ۋە شەنشىدىن كەلگەن 786 نەپەر خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى مەكتەپ ۋە داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ مۇلازىمەت باشلىدى.
2003 - يىلىدىن بېرى يولغا قويۇلغان مەزكۇر پىلان بويىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 2 مىڭ 197 ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 32 ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئەمما، ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئەلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى كۈنسايىن ئېسىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىق قىلىش ئىمكانىيەتلىرى دەخىلگە ئۇچرىماقتا. ئالبانىيە ھۆكۈمىتى بەش ئۇيغۇرغا سىياسىي پاناھلىق بەردى
ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ گۇئەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلدى. ئالبانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالبانىيىنىڭ تىرانا شەھىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان 5 ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىدىكى سىياسىي پاناھلىقى 7 -ئاينىڭ 13 - كۈنى رەسمىي قوبۇل قىلىنغان.
ئامېرىكا دائىرىلىرى 2001 - يىلى ئافغانىستاندا تۇتقان بۇ 5 ئۇيغۇرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھېچقانداق تېررورلۇق تەھدىدى يوق دەپ جاكارلاپ بۇ يىل 5 -ئايدا ئالبانىيىگە ئەۋەتكەن ئىدى.
ئۇيغۇرلار تۈركىيىدىكى خەلقئارا يەرمەنكىدە
تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە خەلقئارا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ يەرمەنكىگە رۇسىيە، تايلاند، فىلىپپىن، كامبودجا ۋە خىتاي قاتارلىق كوپ ساندا دۆلەتلەردىن كەلگەن شىركەتلەر قاتناشماقتا. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى بۇ يەرمەنكىدە شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمى ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇتماقتا.
قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان بىرلىكتە ھەربىي كۈچ تەشكىللىمەكچى
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ ۋە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف، خەلقئارا تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمە ھەربىي كۈچ قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.
قىرغىزىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى 22 - ئىيۇل كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى جەريانىدا ئۇچرىشىپ، بىرلەشمە ھەربىي كۈچ قۇرۇش ھەققىدە قارار ئالغان.
. قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسى دەپ ئەيىبلەنگەن بىر نەپەر ئۆزبېك پۇقراسىنى قولغان ئالغان ئىدى. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىفنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلئارا تېررورچىلىققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا، كەرىموفنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21- ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 – 14 – ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 – ئىيۇن – 7 - ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 29 –ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 -23 –ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - 16- ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27 – مايدىن 2 – ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20 - 26 – ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13 – 19 – ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6 – 12 – ماي)