ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26 – ئاۋغۇست 1 – سېنتەبىر)
2006.09.01
خىتاي توختى مۇزارتنى ئۇنىڭ ياپونىيىلىك پروفېسسورىغا كۆرسەتمىگەن
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزارتنىڭ ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورى سۇگىتاكا ساتو يېقىندا خىتايدىن توختى مۇزارتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مەخسۇس ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ توختى مۇزارت بىلەن كۆرۈشۈپ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئۇ توختى مۇزارت بىلەن كۆرۈشىش ئۈچۈن توت قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
ياپونىيىدە چىقىدىغان "ئاساخى گېزىتى" دە بۇ ھەقتە مەخسۇس " توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەرەپدارى" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى.
توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى توختى مۇزارت قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىزچىل ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ئورنىنى ھازىرغىچە ساقلاپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەندە ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىنى قالدۇردى.
تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 60 قا يېقىن پېشقەدەمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لەۋھەسى بەردى.
بۇ پېشقەدەم ئۇيغۇرلار 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئافغانىستانغا چىقىپ، كېيىن تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئىدى.
خىتاي تۈركمەنىستانغا 300 مىليون ئامېرىكا دوللار قەرز پۇل بەردى
تۈركمەنىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تۈركمەنىستان بانكىلىرىنىڭ خىتاي بانكىلىرى بىلەن قەرز پۇل ئېلىش كېلىشىمىنى تۈزۈشكە يول قويغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي تۈركمەنىستانغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بەرگەن.
خىتاي بۇ قەرز پۇللارنى يۇقىرى ئېتىبار بىلەن بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇددىتى 20 يىل، يىللىق ئۆسۈمى 3% ئىكەن.
نىيازوف يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، خۇ جىنتاۋ بىلەن كېلىشىملەرگە قول قويغان ئىدى، ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىمدە، "ئىككى دۆلەت شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى كۈرەشنى، دۇنيا تېررورچىلىقىغا قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ" دەيدىغان ماددىلارمۇ بار.
1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
ھەج سەپىرىگە بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن پاكىستانغا كەلگەن 2000 ئەتراپىدىكى كىشىنىڭ ۋىزا تەلىپى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن 29- ئاۋغۇست كۈنى پاكىستان ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن.
ئالمۇتىدا يۈسۈپ بەك مۇخلىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى خاتىرىلەندى
قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئاتاقلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، تارىخچى يۈسۈپبەك مۇخلىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
يۈسۈپ بەك مۇخلىسى 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاببىڭ قاتناشچىسى بولۇپ، ئۇ 80-يىللاردىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغىچە ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۇيغۇر تارىخى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى بويىچە كۆپلىگەن ماقالىلار ۋە كىتابلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلدى
ياپونىيە باش ۋەزىرى كويزۇمىنىڭ 28-30-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆز سەپىرىنى ئالدى بىلەن قازاقىستاندىن ۋە ئۆزبېكىستاندىن باشلىشى ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئېنېرگىيە ۋە جۇغراپىيىۋى-سىياسىي ئىستراتېگىيىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن چىقىش قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
كويزۇمى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار ھوججەتلەرگە قول قويغان بولۇپ، ئۇ ئىسلام كەرىموپنى دېموكراتىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئۈندىگەن. كويزۇمى ياپونىيە –ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەت تارىخىدا تۈكنى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلغان ياپونىيە ئالىي رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-18-ئاۋغۇست)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 – ئىيۇل – 4 – ئاۋغۇست)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28- ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21- ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 – 14 – ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 – ئىيۇن – 7 - ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 29 –ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 -23 –ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - 16- ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27 – مايدىن 2 – ئىيۇن)