ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2 – 8 - سېنتەبىر)


2006.09.08

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشىغا قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆزلىكىدىن ھەج قىلىشقا بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. يېقىندا پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ھەج قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمىگەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا - ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مەزكۇر جەمىيەتنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا ئوچۇق خەت يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ھەج قىلىش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق خەت يازغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوبۇل قاسىم ھاجىم قىرغىزىستان تۈرمىسىدە ۋاپات بولدى

بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە تاشلانغان ئوبۇل قاسىم ھاجى 7-سېنتەبىر كۈنى بىشكەكتىكى تۈرمىدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى ھەمدە 8-سېنتەبىر كۈنى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان پوكىروپكا يېزىسىدىكى مەسچىتتە مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، شۇ يەردىكى خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

خىتاي ئامېرىكىدىن گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن گۈئەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىنگاڭ بۇ سۆزلەرنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەلدىكى مەخپىي تۈرمىلىرىگە دائىر سۆزىگە باھا بەرگەندە تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايدا تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئالبانىيىگە ماڭدۇرىۋەتكەن ئىدى. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايونىدىكى بىر فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى كېلەر دۈشەنبە كۈنى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوت ئاچىدىكەن.

جورجى بۇش ئامېرىكىنىڭ يوشۇرۇن تۈرمىسى بارلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش چارشەنبە كۈنى 11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقىنىڭ ھارپىسىدا ئاقسارايدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتەللەردە، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ قولغا چۈشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان يوشۇرۇن تۈرمىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ، مەزكۇر تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە 11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى دەپ قارالغان 14 نەپەر ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ گۇئەنتانامو تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىڭەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ب د ت نىڭ رامكىسى ئاستىدا قۇرۇلغان مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالدىنقى كۈنى ب د ت باش شىتابىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇت رىئاللىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. چۈنكى، يېقىنقى يىللاردىن باشلانغان ئۇيغۇر تىلىنى ئالىي مەكتەپلەردىن چەكلەش، مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلمەسلىك ئەھۋاللىرى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

ئەركىنلىك سارىيى خىتايدىكى دۇنيادىكى 2-نومۇرلۇق مۇشتۇمزور دۆلەت دەپ ئېلان قىلدى

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - ئەركىنلىك سارىيى، پەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇشتۇمزور دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى 2 - دەرىجىلىك مۇشتۇمزور دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانمىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يۆرگۈزۈلگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى. .

تەيۋەندە جاڭ كەيشىنىڭ ئوبرازى يوقىتىلماقتا

تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسى 9 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى قاتناش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى تەستىقلاپ، جاڭ كەيشى نامىدىكى خەلقئارالىق ئايرودرومنىڭ نامىنى ئۆزگەرتتى. بۇ تەستىق تەيۋەندە 2000 ‏-يىلى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياقلاشقاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان جاڭ كەيشىنىڭ ئوبرازىنى دۆلەت ئىشخانىلىرىدىن ۋە باشقا جامائەت سورۇنلىرىدىن يوق قىلىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نازاربايېۋنىڭ كۈي ئوغلى قازاقىستاننى پادىشاھلىق دۆلەت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈۋاتقانلىقى مەلۇم. قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۆزىگە چۈشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۆتكەن ھەپتە نازاربايېۋنىڭ كۈيوغلى بۇ جۇمھۇرىيەتنى پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر مەسىلە قازاقىستان مەتبۇئات ساھەسىدە غۇل-غۇلىلارنى قوزغىدى. ئۆكتىچىلەر بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، نازاربايېۋ جەمەتىنىڭ ھاكىمىيەت ۋە ئىمتىيازلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشتى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.