ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9 – 15 – سېنتەبىر)


2006.09.15

رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2006-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. 11-سېنتەبىر كۈنى بۇ خەۋەرنى رابىيە قادىرنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن شىۋىتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئاننالىيە ئېننېكسون خانىم ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ رابىيە قادىرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئەنئەنىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىغە ر ۋەكىل بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىلقى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بار نامزاتلار ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن راي سىناشتا رابىيە قادىر ۋە ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى قاتارلىق ئۈچ كىشى ئەڭ كۈچلۈك نامازاتلار تەرىقىسىدە سانالغان.

رابىيە قادىر بۇ شەرەپنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىغە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بۇ يىلقى نامزاتلىرى 191 كىشى بولۇپ، 13 - ئۆكتەبىر كۈنى ساھىپلارنىڭ ئىسىملىرى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ھەجىچىلەر داۋاملىق ۋىزا ئالالمايۋاتىدۇ

بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىگە توپلاشقان ئاز دېگەندە 3000 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ھەجىچى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدىن سەئۇدىغا ئۆمۈر ھەجىگە بېرىش ۋىزىسى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن ئىزچىل تۈردە رەت قىلىنىپ كەلمەكتە. سەئۇدى دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ ئۇلارغا ۋىزا بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۆز چىقىملىرى بىلەن يا ۋەتىنىگە قايتالماي، ياكى سەئۇدىنىڭ ۋىزىسىنى ئالالماي قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن ۋاپات بولغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى يۇرتلىرىغا قايتىشقا بۇيرىغان، خىتاي كونسۇلخانىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن بەلكى، ئۇلارغا تۈرلۈك قورقىتىش خاراكتېرلىق بېسىملارنى ئىشلەتكەن ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس مەزمۇنلار يەر ئالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئايرىم دىنىي سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر پەرزەنتى زۇلپىقار ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

يېقىندا بېيجىڭدا "مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ، سەنئەت ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى" ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشقان 7 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى زۇلپىقار ماخمۇت، ئۆسمۈرلەر ئا گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇسۇل تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

زۇلپىقار، مۇسابىقىگە قاتناشقان خىتايلارنى ئاساس قىلغان 1000 نەپەر ئۆسمۈر ئىچىدە، ئۆزىنىڭ سەنەت ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، دالاي لامانى ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، 14 ‏- سېنتەبىر كۈنى، تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى داھىسى دالاي لاماغا، ئالىي شەرەپ ئالتۇن مېدالى تەقدىم قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، دالاي لامانىڭ ئىزچىل تۈردە، دىنىي پاكلىق، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق ھىمايە قىلىش ۋە تىبەت مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەرەپلەردە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەرىپلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن نارازى بولدى.

دالاي لاما 1989 ‏- يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى.

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 6 - سېنتەبىردىن باشلاپ بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولغانلىقى، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى مەتبۇئاتقا چىقتى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ زىيارەت داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت بازىلىرى، بىڭتۈئەن مەيدانلىرى ھەم خوتەننىڭ بەزى يېزىلىرىغىچە بارغان ۋە بۇ جەرياندا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن تەڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەمدە مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇشنى ھەممىدىن بەكرەك تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ بەش يىللىق خاتىرىسى ھارپىسىدا قەدەم بېسىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى ئۇيغۇرلاردا قىياس ھەم گۇمانلارنى قوزغىماقتا.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلمىدى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال - ياراق ئىمبارگوسىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا ۋەدە بەرمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاخبارات پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى ئەلچىخانىسى زەربىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى سەيشەنبە كۈنى بىر قانچە نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ 3 نەپىرى سۈرىيە ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان، بىرى كىشى يارىلانغاندىن كېيىن ئەسىرگە ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى ئىچىدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار بولمىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.